قىشتا ئات گۆشىنى يېگەن كىشلەردە مۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ

文摘   2024-12-11 20:03   新疆  

1. ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش : - ئات گۆشى تەركىبىدە ئاقسىل ۋە ۋىتامىن مول بولۇپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ .
2. ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش : - ئات گۆشىدىكى ياغ ئۆسۈملۈك مېيىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرىننى ئېرىتىپ، ئۇنى قان تومۇر دىۋارىغا چاپلاشتۇرۇپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
3. سۆڭەكنى چىڭىتىدۇ : - ئات گۆشىدە تۆمۈر، سىنك، ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى سۆڭەك ئوزۇقلۇقىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەيلەرنى كۈچلەندۈرىدۇ.
4. قۇۋۋەت تولۇقلاش : - ئات گۆشى قۇۋۋەت تولۇقلاش، جىگەر، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، پەيلەرنى چىڭىتىش، سۆڭەكنى چىڭىتىش رولىغا ئىگە.

5. قان ئازلىقنى پەسەيتىش : - ئات گۆشىمۇ قىزىل گۆشكە تەۋە بولۇپ، تەركىبىدە تۆمۈر ئىيونى بىر قەدەر كۆپ، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئۆز تېنىدىكى قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان سىغىمىنى ئاشۇرۇپ، قان ئازلىقنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
مەنبە : xj120 سالونى

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章