راك ئەڭ قورقىدىغان 10 خىل يىمەكلىك

文摘   2024-12-10 20:01   新疆  

ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى ئۆلۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى راك كېسەللىكلىرى تۈپەيلىدىن بولىۋاتىدۇ ، بۈگۈن ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىزدا راك كېسىلىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئالدىنى ئالىدىغان 10 تۈرلۈك ئۇسۇلنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى . . .

ئاياللار پۇرچاق سۈتى ئىچىپ بېرىش

ئاياللار ھەركۈنى مۇئاپىق مىقداردا پۇرچاق سۈتى ئىچىپ بەرگەندە سۈت بېزى راكى ، بالياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكى ، بالياتقۇ بوينى راكى ، مەزى بېزى راكى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

پىيىدا يول يۈرۈش

ئېرىنمەي ھەر كۈنى بىر سائەت پىيادە يول مىڭىپ بەرگەندە ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ .

تازلانغان سۇ ئىچىش

ھەر كۈنى ئالتە ئىستاكان (1500 لىتىر ) تازلانغان سۇ ئىچىپ بېرىشنىڭمۇ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى زور بولىدۇ .

تاماققا سامساق قۇشۇش

ھەر ۋاق تاماققا سامساق ۋە پىياز ، غولپىياز يەپ بېرىش ئاشقازان راكى كېسلىگە گېرىپتار بولۇش خەۋپىنى 60 پىرسەنت تۆۋەنىتىدۇ . ئەگەر سامساق يىگەندىن كېيىنكى پۇراقنى ياقتۇرمىسىڭىز سامساق يىگەندىن كىيىن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىۋەتسىڭىز سامساق پۇرىقى يوقايدۇ .

ئاپتاپقا قاقلىنىش

شارائىتىڭىز يار بەرسە ھەر كۈنى بەش مىنۇت ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرسىڭىزمۇ ھەرخىل راك كېسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتىنى كۆرنىرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ . لېكىن كۈچلۈك ئاپتاپنىڭ تېرىنى زەخمىلەندۈرۈپ تېرە راكىغا گېرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .

يىشىل چاي ئىچىش

ھەر كۈنى بەش پىيالە يېشىل چاي ئىچىپ بەرسىڭىز ھەر خىل راك كېسەللىكىگە گېرىپتار بولۇش خەۋپى %40 تۆۋەنلەيدۇ .

ھاۋا ئالماشتۇرۇش

ھەركۈنى دەرىزىنى ئەڭ ئاز بولغاندا يېرىم سائەت ئېچىۋېتىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشنىڭمۇ ھەرخىل راك كېسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولۇش خەپىنى كۆرنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ .

ياخشى چايناپ يۇتۇش

كونىلاردا ھەر بىر چاينام تاماقنى 30 قىتىم چايناپ يۇتۇش دەپ گەپ بار ، تاماقنى ياخشى يۇمشاق چايناپ يىيىش ئارقىلىق ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولۇس خەۋپىنى كۆرنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ .

ئۇيقۇ يىتەرلىك بولۇش

ھەر كۈنى يەتتە سائەت قىنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىگەگېرىپتار بولۇش خەۋپىنى %47 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ .

مايلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش

قوي ، كالا قاتارلىق ھايۋانات گۆشلىرى ۋە مايلىرىنى ئازراق ئىستىمال قىلىش ئارقىلىقمۇ ھەر خىل راك كىسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۆرنەرلىك تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ


بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز


维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章