سۆيۈملۈك رەقىبىم
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
1- قىسىم
- ما ئىككىسى يەنە قىچىپتۇدە ؟! مۇشۇنداق قىلىۋېرىپ ئاخىرى بىر كۈنى توي - تۆكۈنگە قازان ئاسماي تۇرۇپ مىنى ئەۋرىلىك قىلىۋەتمىسىلا بولاتتىغۇ بۇ چۇغۇندەكلەر ؟! نىمە قىلساڭ قىلىشىپ ، نىمە بۇلۇشساڭ بولۇشقىنا دەي دىسەم كۆزۈمنىڭ بالىخانىسىدا چوڭ قىلىپتىكەنمەن ، ئاسراپ - ئاۋايلاپ ئىسسىقىدا ئەرگە بېرىۋالارمەنمىكىن دىسەم خويمۇ ئۆزىنى بىلىشمىدى بۇلار؟ ئەستا ، ئەستا ! - ھەۋزىخان بارى - يوقى ئىككى ئېغىز ئۆيى بىلەن باغ ۋە ھويلىلىرىنى ئۈچ قىتىمدىن تۇلۇق چارلاپمۇ پەيزىگۈل بىلەن نوچىگۈلنىڭ قارىسىنى تاپالماي بەكلا جىيلى بولۇپ كەتتى ، لىكىن چارلاش جەريانىدا نەۋرە قىزلىرىنىڭ ئۆي ۋە ھويلىلارنى پاكپاكىز جىمىقتۇرۇپ ، ئۇ يەر- بۇ يەردىكى تۆشۈكلىرىدىن ئىچىدە لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان ئوت كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كونا چويۇن مەشكە قىزارغۇدەك ئوتنى قالىۋىتىپ ، ئېغىلدىكى ئىككى قويغا ھەلەپنى تويغۇچە بېرىۋىتىپ ئاندىن چىقىپ كەتكىنىنى بىلىپ ئاچچىقى ئاستا - ئاستا بوشاپمۇ قالدى .
- ئۇف ! خۇددى ئۇلارنىڭ ئۆگەي ئانىسىدەك نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم ھە ؟ توي - مەشرەپ دىسە قانات چىقىرىپ ئۇچقىنى بىلەن ھەر ئىككىلىسى ھايت دىگۈچە تايت دەپ تۇرىدىغان ، ئەقلى ھوشى جايىدا بالىلارغۇ ؟ بوپتۇ ئەمدى ! قاچسىمۇ مەن دىگەن ئىشلارنى تۈگىتىپ ئاندىن قىچىپتۇ ، بارىدىغىنى تۆۋەن مەھەللىدىكى توينىڭ مەشرىپى ھەقىچان ؟ ھەر قانچە بولسىمۇ ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئورنىدا قۇلىقىغا قۇيۇپ كىلىۋاتقان نەسىھەتلىرىمنى ئەستىن چىقىرىپ قويماس ؟
پەيزىگۈل دىگىنى ئاتمىش ياشلىق ھەۋزىخان موماينىڭ ئۆز نەۋرىسى ، پەيزىگۈلنىڭ ئاتا ئانىسى ئۇ تۆت ياشقا كىرگەن يىلى ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان يېرىدە كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ ئىككىلىسى تەڭلا بۇ دۇنيادىن كىتىپ قالغان بولغاچقا پەيزىگۈل ھەۋزىخان موماينىڭ بىقىشىغا قالغان . نوچىگۈلگە كەلسەك ئۇ بىر يىتىم قىز بۇلۇپ ، ھەۋزىخان بىرىنچىدىن ئۇ قىزغا ئىچ ئاغرىتىپ ، ئىككىنچىدىن نەۋرىسىگە دوس ھەم قېرىنداش تىپىپ بېرىش مەقسىتىدە ئۆزى قىينالسىمۇ ئالتە ياش ۋاقتىدىن باشلاپ بۇ قىزنى بالا قىلىۋالغان . نوچىگۈل پەيزىگۈلدىن بىر ياش چوڭ بولۇپ ، ئىككەيلەن كىچىكىدىنلا بىر ئۆيدە ياشاشقا باشلىغاچقا ھەقىقىي قېرىنداشلاردەك ئىجىل - ئىناق چوڭ بولدى .
نوچىگۈل مەكتەپ يىشىغا يەتكەندە پەيزىگۈلمۇ ئوقۇشنىڭ جىدىلىنى قىلىپ تۇرىۋىلىپ ئىككەيلەن تەڭلا ئوقۇشقا كىردى ، تۇرمۇش ۋە بالىلارنىڭ ئۇقۇشىغا كەنىت رەھبەرلىكى يىقىندىن يار- يۈلەك بولۇپ تۇرغاچقا ئىككى قىزنىڭ يىتىملىكى ئانچە چېنىپ كەتمىدى .
- ماڭا دۇكاندا ساتقان بوغچا كېرەك موما ، كونا ياغلىقىڭدا تىكىپ بەرگەن بۇنداق سەت بوغچىنى ئاسقۇم يوق مىنىڭ ، - دەپ جىدەل قىلدى بىر كۈنى پەيزىگۈل پەرتتىدە ماڭقىسىنى تارتىپ تۇرۇپ .
- شۇنداق موما ، باشقىلار پەيزىگۈلنى مازاق قىلىدىكەن ، بىزگە يىڭى بوغچا ئەپپېرە ، - نوچىگۈلمۇ تىرنىقىنى تاتىلىغان پىتى پەيزىگۈلگە يانمۇيان تۇرۇپ ئۇنىڭغا ماسلاشتى . گۈللۈك چىت كۆڭلىكىنىڭ ئىتىكىنى بىلىگىچە تۈرىۋىتىپ ئالدىراش تاماق ئىتىۋاتقان ھەۋزىخان دەرۋازىدىن قاتارلاشقىنىچە كىرىپلا ۋىچىرلىشىپ كەتكەن نەۋرىلىرىگە قاراپ ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى .
- سىلەرگە ئوخشاش ئاپىلىرى تىكىپ بەرگەن بوغچىنى ئاسىدىغان بالىلار پەقەتلا يوقما مەكتەپتە ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار پەيزىگۈلنىڭ بوغچىسىنى مازاق قىلسا ساڭىمۇ ئەپپېرەمدىم قىزىم ؟ - ھەۋزىخان كۆڭلىكىنىڭ يىڭى بىلەن كۆز جىيىكىدىكى يىشىنى سۈرتكەچ تىخىچە ئۆمسەرەپ تۇرغان نوچىگۈلنىڭ بىشىنى سىلاپ تۇرۇپ سورىۋىدى ئۇ تىخىمۇ ھۇدۇقۇپ پەيزىگۈلنى شەرەتلەپ :
- ئۇ … ئۇ ماڭا شۇنداق دە دەپ ئۆگەتتى موما ، ماڭا يىڭى بوغچا كېرەك ئەمەس ، مەن سەن تىكىپ بەرگەن مۇشۇ بوغچىنى ياخشى كۆرىمەن موما ، راس ! - دەپ ئەينى ئىشنى ئاشكارىلاپ سالدى .
- ياخشى كۆرسەڭ ئەمىسە سەن ئاشۇنى ئىسىۋەر ، ئىشقىلىپ مومام ماڭا يىڭى بوغچا ئىلىپ بېرىدۇ ، - ئاچچىقتىن چىشلىرى كىرىشىپ ، لەۋلىرى ھىمىرىلىپ ، كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كەتكۈدەك چەكچىيىپ كەتكەن پەيزىگۈل بوغچىنى مۈرىسىدىن ئىلىپ سۇپىغا تاشلىۋىتىپ ئىشىكنى جالداقشىتىپ ياپقىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى . شۇ ئىش بۇلۇپ ئىككى كۈن ئۆتكەندە بالىلار مەكتەپتىن كىلىپ ھويلىدىكى سۇپىدا ھەربىي رەڭدىكى يىپيىڭى بىر بوغچىنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ھەر ئىككەيلەن تەڭلا بوغچىغا ئىتىلدى . يىشى چوڭراق بولغاچقىمۇ نوچىگۈل چاققان چىقىپ بوغچىغا چاپلىشىۋالدى ۋە چىڭ قۇچاقلىۋىلىپ پەقەت قۇيۇپ بەرمىدى .
- بوغچىنى قويامسەن يوق ! - ئۇنىڭدىن بوغچىنى تالىشىپ ئىلىۋىلىشقا كۆزى يەتمىگەن پەيزىگۈل نوچىگۈلنىڭ ئىككى ئۆرۈمە چىچىنىڭ بىرسىنى كۈچەپ تارتتى .
- بەرمەيمەن ، چىچىمنى يۇلىۋەتسەڭمۇ بەرمەيمەن .
- مومام تىكىپ بەرگەن بوغچىنى ياخشى كۆرەتتىڭغۇ ساراڭ ، ئەمدى نىمىشقا بۇنى مەندىن تالىشىسەن …
- مومامنىڭ جىق پۇلى بولمىغاندىكىن شۇنداق دەپ قويغان ، يىڭى بوغچىنى نىمىشقا ياخشى كۆرمىگۈدەكمەن ؟ …
- شۇنداق دەپلا ئۆزۈڭنىڭ قىلىۋالماقچىما ؟ ئۇنداق ئىش يۇق ، بوغچىنى بەرمىسەڭ چىچىڭنى كىسىۋىتىمەن جۇمۇ ! - پەيزىگۈلنىڭ سەۋر قاچىسى ئاخىرى توشتى بولغاي نوچىگۈلنىڭ چىچىنى قۇيىۋەتمەي تۇرۇپلا ، يەنە بىر قولى بىلەن بوغچىسىدىن قەلەم ئۇچلايدىغان كىچىك پىچىقىنى چىقىرىپ بىچارىنىڭ چىچىغا سۈركەشكە باشلىۋىدى :
- توختا پەيزى ، توختا ! ئىككەيلەن ئوبدانراق پاراڭلىشىپ باقايلى ماقۇلمۇ ؟ - بۇ گەپ بىلەن پەيزىگۈل چاچ كىسىشتىن توختىدىيۇ لىكىن قولىنى ئازراقمۇ بوشاتماي تۇرۇپ :
- دىگىنە ، نىمىنى پاراڭلىشىمىز؟ - دەپ سورىدى .
- يىڭى بوغچىنى سەن بىر كۈن ، مەن بىر كۈن ئاسايلى بۇلامدۇ ؟ شۇنىڭدا مومام بىزگە ئىككى بوغچا ئىلىپ بېرىمەن دەپ قىينىلىپ يۈرمەيدۇ ، بىزنىڭمۇ يىڭى بوغچىمىز بولىدۇ ، قانداق ؟ - كىچىك پەيزىگۈل چوڭ ئادەمدەك ئېغىر خىيالغا چۆكۈپ تۇرىشىغا تۇيۇقسىز ئۆينىڭ ئىشىكى غىچىرلاپ ئىچىلىپ قولتۇقىغا مۇنۇ ئىككى بالا تالىشىۋاتقاندەك يىپيىڭى ھەربىي رەڭ بوغچىدىن بىرنى قىستۇرىۋالغان ھەۋزىخان يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزگەن پىتى چىقىپ كەلدى ۋە :
- ھاي ، ھاي ! تالاشماڭلار بالىلىرىم ، يىڭى بوغچا ھەر ئىككىڭلارغىلا بار ، - دەپ ئىككى قىزچاقنى ئالەمچە خوش قىلىۋەتتى . ئەمىلىيەتتە ھەۋزىخان بوغچا ساتىدىغان بىر نەچچە دۇكاننى پىششىق چۆرگىلەپ ، يىڭنە بىلەن قۇدۇق كولىغاندەك سەۋرچانلىق بىلەن ئاختۇرۇپ ، پىركازچىكتىن ھارغۇچە باھا تالىشىپ ئاندىن ئەكەلگەن يىپيىڭى ئەمما 3 - 4 - دەرىجىدىكى مىيىپ بوغچىلار بۇلۇپ ، موماي مۇشۇ پىشقان ئىدىتى بىلەن ئۆزىنىڭ يانچۇقىنى تەڭلىك قىلماي تۇرۇپ ، ئىككى بالىنى خوشمۇ قىلىۋالدى .
بىر قىتىم پەيزىگۈل دەرۋازىدىن ئۇچقاندەك يۈگرەپ كىرگەن پىتى كىلىپ قويلارغا چۆپ سىلىۋاتقان ھەۋزىخانغا ئەھۋال مەلۇم قىلدى .
- موما ، موما ! نوچىگۈل خەق يەپ تاشلىۋەتكەن بىڭگور چوكىسىنى تېرىۋىلىپ شوراۋاتىدۇ ، بالىلار ئۇنى خەق چايناپ تاشلىۋەتكەن سېغىزنىمۇ چاينايدۇ دەيدۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىلەشتۈرۈپ ، ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ قۇيە ، - بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەۋزىخاننىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى . نوچىگۈل كىرگەندە ئۇنىڭدىن راسلا شۇنداق قىلغان قىلمىغىنىنى سوراپ موماينىڭ تىخىمۇ ئىچى سېرىلدى .
- بالىلار بىڭگورنى تاتلىق دەپ بەك مەززە قىلىپ يىيىشىدىكەن موما ، ساڭا بىڭگور ئىلىپ بەر دىگۈم كەلمىدى لىكىن مىنىڭ بىڭگورنىڭ تەمىنى بىر تىتىپ باققۇم كىلىپ پەقەت چىدىماي شۇنداق قىلغانتىم ، - نەۋرىسىنىڭ ئەينەك مونچاقتەك پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزىگە قاراپ ھەۋزىخاننىڭ بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلەشكەندەك بۇلۇپ تەستە سورىدى .
- ئەمىسە سېغىزچۇ بالام ؟ ئۇمۇ شۇنداق ئوبدان نەرسىما ؟ - موماينىڭ كەينىدە تۇرۇپ كاتەك مارىغان تۈلكىدەك نوچىگۈلنىڭ ئەدەپلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان پەيزىگۈل ئەھۋالنىڭ نوچىگۈلگە پايدىلىق تەرەپكە ئۆرۈلگىلىۋاتقىنىدىن چىدىماي قالدى ۋە ئۇنىڭ بىر نەرسە دىيىشىگە ئىمكانمۇ بەرمەي ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرىسىغا قىسىلىپ كىرىپ چاڭىلداشقا باشلىدى .
- سەن بىلمەيسەن موما ، سېغىز دىگەن كەمپۈتتەك تاتلىق ، پاختىدەك يۇمشاق ، رىزىنكىدەك سوزۇلىدىغان ، پۈلىسەڭ توپتەك يۇغان كۆپىدىغان نەرسە ، ئۇنى كۆپتۈرمەي ، ئېغىزىنىڭ ئىچىدىلا پوجاڭزىدەك قاراسلىتىپ كەتسە شۇنداق پەيزى بولىدۇ دىگىنە ، لىكىن قىممەت ئەمەس موما ، بىر تىلى ئاران بىر موچەن ، - دەپ بىگىز بارمىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن موماي شۇ زامان ئىككى بالىنىڭ قولىدىن يىتىلەپ بېرىپ دۇكاندىن ئۇلارغا سېغىز ئىلىپ بەردى ۋە ئىككى بالىنىڭ سېغىزنى ھىلى كۆپتۈرۈپ ھىلى قاراسلىتىپ بەس - بەس بىلەن كارامەت كۆرسىتىشىدىن ھۇزۇرلاندى . ئىسسىق چىققان بىر كۈنى موماي ئۇ ئىككىسىگە ئۇزۇندىن بېرى يىيىشنى ئارمان قىلىپ كىلىۋاتقان بىڭگوردىنمۇ ئىلىپ بەردى .
لىكىن بىر قېتىم بەك يامان بولدى . بىر يەكشەنبە كۈنى بالىلار ئارامغا قۇيۇپ بېرىلگەچكە نوچىگۈل بىلەن پەيزىگۈل مەھەللىدە بالىلار بىلەن قىيغىتىشىپ شۇنداق خوشال ئويناۋاتاتتى ، مومايمۇ دەرۋازىغا چىقىپ - كىرىپ ئۇلارنى كۈزەتكەچ بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل ئىدى . قاچانكى ھەپىزەك قارىۋاي دىگەن خوشنا ئايال بۇ موماينىڭ ھويلىسىدا ئۈنىۋىلىپ ھىلى قىينانىسىنىڭ يامان گىپىنى قىلسا ، ھىلى ئېرىنىڭ ئۇچىغا چىققان توخماقچى ۋە قىپقىزىل ھاراقكەش ئىكەنلىكىدىن ۋايساشقا باشلىدى مومايمۇ نەۋرىلىرىگە قاراپ بىقىش ۋەزىپىسىنى تۇلۇق ئۇنۇتتى . تولا ۋاتىلداپ ھارغان ھەپىزەك قارىۋايمۇ سەل پەسكويغا چۈشۈپ ، مومايمۇ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ۋە نەسىھەت قىلىشتىن كىچىككىنە بىكار بولغاندا چىقىپ قارىۋىدى ئويناپ يۈرگەن بىر توپ بالا ئاقتىمۇ يوق ، كۆكتىمۇ يوق ، كوچا باشتىن - ئاياغ تىمتاسلىققا چۆكۈپ كەتكەنىدى .
- پەيزىگۈل ، نوچىگۈل ! قىنى سىلەر قىزلىرىم ؟ ئۆزۈم تىپىۋالسام تاياق يەپ قالىسىلەر بىكا ، ئۆزەڭلارنى بىلىپ يۇۋاشلىق بىلەن پەيدا بولۇڭلار دەيمەن ، ھۇيت ياغاچ قۇلاقلار ! - ھەۋزىخان بىر ياقتىن توۋلىغاچ ، بىر ياقتىن سەزگۈرلۈك بىلەن بالىلارنى ئىزدەپ مەھەللە دۇقمۇشى تەرەپكە كىتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن بىرەيلەن ئىككى قولىدا ئۆزىنىڭ نەۋرىلىرى دىمەتلىك ئىككى بالىنىڭ قولىنى چىڭ قاماللاپ سۆرەشتۈرۈپ كىلىۋاتقىنى كۆزىگە چېلىقىپ تۇرغان جايىدا چىپپىدە تۇرۇپلا قالدى . ھەۋزىخان كۆزلىرىنى نەچچە چىمچىقلىتىۋىتىپ تازا سىنچىلاپ قاراپ ئاندىن ئىنىق جەزملەشتۈردىكى ئاۋۇ ئىككى بالا ئۆزىنىڭ نەۋرىلىرى ، ئۇلارنىڭ چوكىدەك قوللىرىنى ئامبۇردەك سىقىپ قاماللاپ ، چاپتۇرۇپ سۆرەپ كىلىۋاتقىنى مۇشۇ مەھەللىدىكى ئەڭ باي ، ئەمما ئەڭ پىخسىق ھەم ئەڭ تەرسا ھاشىم باي دىگەن كىشى ئىدى . نەۋرىلىرىنى تونىغان ھامان كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن ھەۋزىخان كۆڭلىكىنىڭ ئىتىكىنى چاققانلىق بىلەن بىلىكىگە يۆگەپ كۆتىرىۋىلىپ ئۇلار تامان يۈگۈردى .
- قۇيىۋەتسىلە ھاشىماخۇن بالىلارنى ! مۇشتۇمدەك بالىلارنىڭ قولىنى قوناق شىخىنى يۇلغاندەك يۇلىۋالمىسىلا يەنە ؟ قۇيىۋەتسىلە دەيمەن ! ساراڭمۇ نىمە بۇ ئادەم ؟ - ھەۋزىخاننىڭ چىچاڭشىپ كەتكىنىگە يارىشا ھاشىم باينىڭ پەيلى ئۇنىڭدىن يامان بۇلۇپ ، بالىلارنى بايىقىدىنمۇ بەك سىلكىشتۈرۈپ ، بىچارىلەرنىڭ مىڭىشىنى ئۆزلىرىنىڭ پۇتىنىڭ مەيلىگە ئەمەس ، ھاشىم باي ئۆزىنىڭ بىلىكىنىڭ كۈچىگە ئىلىۋالغانىدى .
- موماي باققان بالا ، تامدىن سەكرىگەن كالا دەپ بىكار ئىيتماپتىكەن ھە ! قىلغان ئىشىغا قاراپلا سىلى تەربىيلىگەن بالىلار ئىكەنلىكىنى پەملىگەنتىم زادى ! بۇ ئىككى زەمەرىكنىڭ قولىنى قوناق شىخىدەك يۇلمىساممىچۇ قويلىرىمنىڭ يەيدىغان شىخى تەييار قارىسىلا ! ئەتىۋارلىق يىتىمەكلىرىنىڭ يامان ئىش قىلغان قولىنى ئىسپات بىلەن قوللىرىغا تۇتقۇزمىسام قىلغان ئىشىدىن بىردەمدە تىنىۋالا ھەقىچان ! - ھاشىمباينىڭ ئاغزىدىن پىلىموتنىڭ ئوقىدەك چىقىۋاتقان تىل - ھاقارەتتىن ھەۋزىخاننىڭ بايىقى غەزىپى نەلەرگىدۇ يۇقاپ بىچارە بالىلارنىڭ سارغۇچ سۇيۇقلۇق ئېقىپ تۇرغان قولىغا قاراپ قېتىپلا قالدى .
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ
نادىر ئەسەرلەر