سۆيۈملۈك رەقىبىم
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
2- قىسىم
- ئوبدان كۆرسىلە مانا ! ئىسپات بىلەن ئەكەلدىم ئالدىلىرىغا ، تەربىيەنى قۇلىقىدا تۇرغۇدەك قىلالا جۇمۇ ، ھازىرغۇ تۇخۇم ئوغۇرلاپتۇ ، بارا - بارا خەقنىڭ پۇل - پىچەك ، ئالتۇن - كۈمۈشلىرىگە قول ئۇزارتىپ كۆنىۋالسا ئۇ دەرتنى كۆتىرىپ بولالمايلا ھەقىچان ، مال ئىگىسىدىن ئوغرى قۇۋۋەتلىك دىگەندەك ئادەمگە ئالىيىشلىرىنى كۆرمەمدىغان بۇ ماڭقىلارنىڭ ، تۇخۇم ئوغۇرلىغىنىڭلار راستۇ ئىككىڭنىڭ ؟ شۇڭا يۇۋاشلىق بىلەن گەپ ئاڭلاش !! بۇندىن كىيىن ئىككىڭنى ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا كۆرۈپ قالىدىغان بولسام …
- جىم تۇرۇپ بەرسەم نىم داپقا چۈشكەن ماياقتەك سەكرەۋېرىلا ھاشىماخۇن ؟ بالىلارنىڭ ئەپ قويغىنى سىسىق توخولىرىنىڭ ئىككى تال تۇخۇمىكەنغۇ تايىنلىق ؟ تۆلەپ بەرسەمغۇ بولىدىغاندۇ ؟ لىكىن ماڭا ۋە نەۋرىلىرىمگە قالايمىقان تىل تەگكۈزمىسىلە جۇمۇ ! تۇل موماي بولساممۇ ئىشىكلىرىگە بىر بۇردا نان تىلەپ بېرىپ قالمىدىم ، نەۋرىلىرىممۇ ھەم شۇ ! گۆدەك بولغاچقا بىلمەي بېرىپ سالغان ئوخشايدۇ ئۇ تەرەپكە ، گىپىم گەپ ! ھازىردىن باشلاپ مەن ياكى نەۋرىلىرىملا ئەمەس بىزنىڭ سايىمىزمۇ بېرىپ قالمايدۇ سىلى تەرەپكە . جىندەك تۇرۇپ تۇرسىلا ، تۇخۇملىرىنىڭ ئورنىغا تۇخۇم ئەچىقىپ بېرەي مەن ، - ھەۋزىخان ئىككى تال تۇخۇمنىڭ ئورنىغا تۆتنى ئىلىپ چىقىپ نۇمۇس قىلماي ساقلاپ تۇرغان ھاشىمباينىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندىن كىيىن تەئەددى بىلەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى .
- باققان بالام تامدىن سەكرىگەن كالىغا ئوخشىسىمۇ كۆڭلۈم ناھايىتى توق مىنىڭ ھاشىماخۇن ئۇكام ، چۈنكى مەن باققان بالىلىرىمغا ئىشىنىمەن ، ئۇلاردىن خاتىرجەممەن . بەزىلەردەك ئاتا - ئانا ، قېرىنداشلىرىغا يانىدىغان ، تۇرقى ئادەمگە ، خۇي پەيلى باشقا بىرنىمىگە ئوخشايدىغان بالىلاردىن ئۆلۈكىمۇ ئارتۇق مىنىڭ نەۋرىلىرىمنىڭ . خوش ئەمسە ، ئالدىرىمىساق يەنە كۆرۈشۈپ قالىمىز، - موماي شۇ گەپلەرنى دەپ بۇلۇپ شاققىدە كەينىگە بۇرۇلۇپلا كىتىپ قالدى .
- تەلىيىمىزگە ئۆيدە ھىلىمۇ تۆت تال تۇخۇم بار ئىكەن جىنىم بالىلىرىم ، بولمىغان بولسا خەقنىڭ ئالدىدا تىلىمىز قانچە قىسىلىپ كىتەر ئىدى ھە ؟ ئېيتىڭلارچۇ قىنى ، نىمە قىلاتتىڭلار خەقنىڭ تۇخۇمىنى ئىلىپ ؟ - بالىلارنىڭ مىياۋ مۈشۈكتەك شىپىرلاپ ، بىر بۇلۇڭغا تىقىلىۋىلىپ مۆلدۈرلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ، ئىككىسىنى راسا ئەدەپلەش نىيىتى چورت يۇقىغان ھەۋزىخان كىلىپ ئۇلارنىڭ بىشىنى سىلاپ تۇرۇپ مىھرىبانلىق بىلەن سورىدى . بۇنىڭ بىلەن بالىلاردىكى قورقۇنچمۇ بىسىقىپ يەنە بەس - بەس بىلەن ۋىچىرلاش باشلىنىپ كەتتى .
- باشقا بالىلارنىڭ ھەممىسى بىڭگور ئىلىپ يىدى مۇما ، بىزمۇ ئەپ يەيلى دىسەك يانچۇقىمىزدا پۇل يوق ، ھۈرىيەتنىڭ بىڭگورىنى تالىشىۋىدۇق ، بەرمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئالىم بىزگە ھاشىم تاغاشنىڭ تۇخۇمىنى ئۇغۇرلاپ بىڭگورغا تىگىشىپ يىيىشنى ئۆگەتتى …
- ھە شۇ ، تۇخۇمنىغۇ ئاسانلا ئىلىۋالغانىدۇق مۇما ، لىكىن تۇخۇمنى ئىلىپ ئەمدى بىڭگورچىنىڭ يىنىغا ماڭغاندا ھىلىقى ھاشىم تازغا تۇتۇلۇپ قالدۇق ، بىزنى بىڭگور يىگىلى قويمىغاندىكىن نوچىگۈل ئىككىمىز تۇخۇمنى مىجىۋەتتۇق تازا ، ھى … ھى … ھى … - تىخى ھىلىلا ئاغزىلىرىنى ئۈمچەيتىشىپ ، كۆزلىرىدە دەريا دۇلقۇنى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان بالىلارنىڭ بىر كارىدا يوق خىرىلداپ كۈلىشىۋاتقىنىغا قاراپ ھەۋزىخانمۇ ئىختىيارسىز پۇسۇقلاپ كۈلۈپ كەتتى .
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بالىلارمۇ بارا - بارا چوڭ بۇلۇپ تولۇقسىزغا چىققان يىلى ھەۋزىخاننىڭ پۇتى ئاغرىپ قىلىپ خېلى بىر مەزگىلگىچە ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى . بۇ جەرياندا كەنىت رەھبەرلىكى ۋە ياخشى نىيەتلىك بىر قانچە كىشىنىڭ ياردىمىدە ئۈچەيلەن ئاچ يالىڭاچ قالماي كۈنلىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزدى ، ئىككى قىز كۈندە ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ، بىرى ناشتىلىق تەييارلىسا ، يەنە بىرى ئۆي ۋە ھويلىلارنى تازلاپ ، ئۇلاقلارنى توقلىۋىتىپ ئاندىن مەكتەپكە ماڭاتتى ، چۈشتە مەكتەپتىن كىلىپ ئىككەيلەن قولمۇقول تاماق ئىتىپ ، ئۈچەيلەن گۇڭۇر- مۇڭۇر ئولتۇرۇپ يىيىشىپ يەنە مەكتەپكە كىتىپ قىلىشاتتى ، كەچتىمۇ ئۈچەيلەن بولسا بارنى يىيىشىپ ، بولمىسا كۈلكە - چاقچاق ، پاراڭ بىلەن نەپسىنى گوللىشىپ يىتىپ قىلىشاتتى . كەچ قويسىمۇ ئاچ قويمايدىغان ھايات ھەۋزىخاننىڭ قەلبىگە كەشتە ۋە ئىلما - تۇقۇلمىچىلىقنىڭ ئىشقىنى سېلىپ ، پۇتى ئاغرىپ ھەركەت قىلالمىسىمۇ ئاز- تولا كىرىم يارىتىشنىڭ يولى بولۇپ تۇردى .
- ۋىيەي موما ، ئاخىرى ساقايدى بۇ پۇتۇڭ ، مەن تىخى …
- ھە دىگىنە ، سەن مىنى مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كىتەرمىكىن دىگەنما ؟ مەن ئۆلۈپ كەتسەم سەن ئىككى جۇۋاينىمەكنىڭ ئوسمىسىنى كىم قويىدۇ ؟ شۇڭا خاتىرجەم بول ، ھەۋزىخان ئۇنداق ئالدىراپ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ ، - ھەۋزىخاننىڭ قولتۇق تايىقىغا تايىنىپ ماڭالايدىغان بولغىنىنى كۆرۈپ خوشلۇقتىن گۈلقەقەلىرى ئىچىلىپ كەتكەن پەيزىگۈل گەپتە خاتالىشىۋاتقىنىنى بايقاپ توختاپ قىلىۋىدى ھەۋزىخان ئۇنىڭ بىشىغا نۇقۇپ قويدى .
- ۋاي - ۋۇي موما ، نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭ ؟ سىنى يۈز ياشقىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ياشىسىكەن دەيمەن بىلەمسەن ؟ ئاغرىپ يىتىۋېرىپ ئىچى سىقىلىپ ئۆزىگە باشقا ئاغرىق تىپىۋالمىسۇن دەپ ئەنسىرىگەنتىم شۇ …
- شۇ ، شۇ موما ، ساقايغىنىڭغا مۇبارەك بولسۇن ! سەن پەيزىگۈل ئىككىمىزنىڭ ئۈمىد چىرىغىسەن …
- ھا ، ھا ، ھا ! ما گەپنى كۆرۈڭ ! مىنىڭ ئۈمىد چىرىغىم سىلەر ئىككىڭلار بولماي ، مەندەك قېرى كەمپىر سىلەرگە چىراق بولامدىم ؟ - قىزلار بىر بىرىگە مەنىلىك قارىشىۋالغاندىن كىيىن ئىككەيلەن تەڭلا كىلىپ ھەۋزىخاننىڭ بوينىغا گىرە سالدى .
- بايا ئۆزۈڭ دىدىڭغۇ موما ، سەن بولمىساڭ بىزنىڭ غىمىمىزنى كىم يەيتتى ؟ شۇڭا سەن بىزگە چىراق بول ، بىزمۇ چامىمىزنىڭ يىتىشىچە ساڭا چىراق بولايلى ماقۇلمۇ ؟
ئۈچەيلەن بىر- بىرىگە يار- يۆلەك بولۇشۇپ بالىلار تۇلۇقسىزنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغىمۇ قەدەم قويدى ، بىر باشتىن تىلغا ئالغىلى تۇرسا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ، بىرلا جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا : ھەۋزىخان ، پەيزىگۈل ، نوچىگۈل ئۈچەيلەن كۆپ قىينالدى ، ئاغرىدى ، يىغلىدى ھەم كۈلۈشكەنمۇ بولدى ، لىكىن كۈنلىرىنى داۋاملىق داۋام ئىتىۋەردى . نوچىگۈل ئون يەتتىگە ، پەيزىگۈل ئون ئالتىگە كىرگەن يىلى بالىلار تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئىككىسى ئوخشاشلا : بولدى ئەمدى ئۇقىمايمىز دەپ تۇرىۋىلىشتى . موماينىڭ ئۇلارنى ئوتتەك ئوقۇتقۇسى بولسىمۇ ئاخىرى يەنىلا بالىلارنىڭ رايىغا باقتى ، ئۇ ھەم ئۆزىنىڭ ئۆمرىنىڭ يار بەرمەسلىكىدىن ئەنسىرىدى ھەم كەنىتنىڭ ياردىمىگىلا تايىنىۋىلىشتىن ئۇيالدى .
تېزىنى باسسا مېزى چىقىپتۇ دىگەندەك ئەمدىلىكتە كىچىككىنە قىزلارغا ھەر تەرەپتىن ئەلچىلەر كىلىپ باش ئاغرىقى بولغىلى تۇردى ، مومايغۇ دەسلەپتە : نەۋرىلىرىم كىچىك ، مەكتىپى پۈتكەن بىلەن بىر ئۆينىڭ ھەم ئەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك بولمىدى تىخى ، شۇڭا خاپۇلاشمىغايلا … دىگەندەك ئۆزرە - تەكەللۇپلار بىلەن ئۇلارنى يولغا سالغان بولسا ، كەلدى - كەتتىلەرنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئاۋۇپ ، ئايىقى ئۈزۈلمىگەنسېرى كۆڭلى يېرىم بولغىلى تۇردى .
- تىخى تۈنۈگۈنلا توخونىڭ چۈجىسىدەك كەينىمدىن چۇكۇلدىشىپ يۈرگەن بالىلار بىردەمدە بىراۋنىڭ نەزىرى چۈشكىدەك چوڭ بولۇشۇپتۇ مانا ، كەلگەنلەرنى مۇشۇنداق قايتۇرىۋېرەي دىسەم مىنىڭ جىنىممۇ ياقامغا تىكىگلىك ئەمەستە ؟ يالغۇز قالامدىم دەپ ئۇلارنى پوكىنىمغا بىسىپ يىتىۋېرىپ تۇيۇقسىز بىر كۈنى جىممىدە كىتىپ قالسام ئۇ ئىككى بىچارە نىمە كۈنلەرنى كۆرەر ؟ بىچارىلەرنىڭ بەخىتلىك بولغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىسەم كۆڭلۈم تىخى ئۇنىمايدۇ ، ئۆزىمىزگە مۇۋاپىق بىرەرىگە ماقۇللۇق بېرىۋىتەي دېسەم ئۇ ئىككىسىگە كۆنۈپ كەتكەن كۈنلىرىم ئۇلارسىز قانداق داۋام ئىتەر دەپ ئەنسىرەيمەن ، ئەلمىساقتىن تارتىپ قىز چوڭ بولسا ياتلىق قىلىدىغان ئىش ، ئۇلاردەك يىشىمدا پەيزىگۈلنىڭ ئاپىسى كەينىمدىن پىلتىڭلاپ يۈرەتتى تىخى ، شۇڭا ئىشلارنى ئۇلارغا بىر دەپ باقاي ، - تولا ئويلاپ خىيالىنى بىر باشقا ئىلىپ چىقالمىغان ھەۋزىخان ئاخىرى بۇ ئىشنى قىزلارنىڭ مەسلىھەتىگە سالدى . قىزلار ئالدىن دىيىشىۋالغاندەك تەڭلا :
- ۋاي - ۋۇي ! بىزدىن شۇنچىلىك زېرىكىپ كەتتىڭما موما ؟ ھەر ئىككىلىمىزنىڭلا ھازىرچە ئۇ ئىشلارنى ئويلاشقۇمىز يوق قارا ، بىرىمىز ئىشلەپ پۇل تاپساق يەنە بىرىمىز ئۆينىڭ ، ئىتىز- ئېرىقنىڭ ئىشىنى قىلغاچ ساڭا ھەمراھ بولىمىز ، كۈزلۈك يىغىم ۋاقتىدا ھەر ئىككىمىز چىقىپ بىرەر يېرىم ئاي ئىشلىۋالساق قىشنىڭ غىمىنىمۇ قىلمايمىز ، سەنمۇ بىزنىڭ راھىتىمىزنى كۆرۈپ باق مۇما ، ئەرگە بېرىۋەتكىلى نىمانچە ئالدىرايسەن دەيمەن بىزنى ؟
- شۇنى دەيمەن ، سىنىڭ زامانىڭ كەتتى موما ، قىزلار ھازىر توي قىلىشقا ئالدىرىمايدۇ ، چوڭلارمۇ ئۇلارنى تويغا زورلىيالمايدۇ ، بىزنى بېرىۋىتىپ يالغۇز قالغىنىڭدىن ئۈچىمىز مۇشۇنداق ياشىساق ياخشى ئەمەسمۇ ؟ باشقىلاردىن ئاڭلىسام قىينانىنىڭ ، قىيناچا - قىينىسىڭىلنىڭ پەقەت ياخشىسى يوقمىش ، ئەر دىگەنمۇ تويدىن بۇرۇن ئادەمدەك ، توينى قىلىپلىۋالسا باشقا بىر مەخلۇقاتتەك بولىۋالامىش . شۇڭا نوچىگۈل ئىككىمىز ئالدىرىمايلى دىيىشىۋاتىمىز موما ، ۋاقتى كەلگەندە ئىككىمىز تازا ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ ، ئىنچىكىلىك بىلەن سىناپ ، بىر بىرىمىزنىڭ تەستىقىمىزدىن ئۆتكەندە ئاندىن توي قىلىشنى قارار قىلىپ بولدۇق ، بولمىسا …
- يۇمە زۇۋانىڭنى ! ۋاي ئانام ، ۋاي دادام ! نىمىلەرنى ئاڭلاۋاتىمەن مەنوي ! سەنلەرنى خېلى يۈزىنىڭ قېنى بار ، نۇمۇسلۇق چوڭ بولدى دەپ كېرىلىپ يۈرسەم يۈزۈڭلار تۆگىنىڭ تىزىدىنمۇ قىلىن چوڭ بوپسىلەر جۇمۇ ، ئۇيالماي مىنىڭ ئالدىمدا ئۇتتۇز قىرىق ياشلىق قاقۋاش چوكاننىڭ پارىڭىنى قىلىسىلەريا !؟ كىمدىن ئۆگەندىڭلار مۇشۇنداق گەپلەرنى ؟ ھەممە ئادەم سىلەردەك ئويلىغىلى تۇرسا كىم ئارزۇلاپ باققان قىزلىرىنى ياتلىق قىلىدۇ ؟ توي قىلىدىغان ئىش بولمىسا مەن نەدە ؟ سەن ئىككى جۆندەك نەدىتىڭلار دەيمەن ؟ بىلىپ قىلىڭلار بالىلىرىم ، ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ خۇي - پەيلىگە بېقىپ كۈن كۆرىدۇ ، - بۇ چالۋاقاشلار قىزلارغا راسلا تەسىر قىلىۋەتتىمۇ ياكى موماينى پەسكويغا چۈشۈرىۋىلىش ئۈچۈنلا ئەتەي دەپ قويدىمۇ ئىككەيلەن ھەۋزىخاننىڭ ئىككى بىقىنىغا تىقىلىۋىلىپ :
- بولدى قاينىمىغىنە موما ، بۇ گەپلەرنى بىز ئاتايىن بىر كىمدىن ئۆگىنىۋالمىدۇق ، بىللە ئىشلىگەن ئاياللارنىڭ توختىماي قاقشاشلىرىنى ئاڭلاۋېرىپ ، توي قىلىپ ئۆي تۇتسا شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ پەرەز قىلىشتۇق شۇ ، بىر كۈلىۋەتكىنە جىنىم موما ، ئوماق موما ، - دىيىشىپ تالاش - تارتىشنى بىسىقتۇرغان بولدى ، لىكىن ھازىرچە توي قىلىشقا ھىچقايسىسى رازىلىقىنى بەرمىدى .
ئىككى قىزنىڭ كۈنلىرى پۇل تاپقۇدەكلا ئىش بولسا بىردەممۇ بىكار ئولتۇرماي ئالدىراش ئۆتكىنىگە يارىشا توي ، مەشرەپ دىسىمۇ بىرنى قولدىن بېرىۋەتمەي ، بىر قولىدا ئىشنىڭ مىجىقىنى چىقىرىپ ، يەنە بىر قولىدا ئۇيۇندىن چاڭ چىقىرىپ ھەش - پەش دىگۈچىلا بىرى ئون تۇققۇزنىڭ ، يەنە بىرى ئون سەككىزنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلاپ بولۇشتى . بۇ جەرياندا ئەلچىلەر كىلىپ ھارمىغان بىلەن ھەۋزىخان كەلگەن ئەلچىلەرنى قايتۇرۇش ئۈچۈن يەتتە ئىگىلىپ ، سەككىز پۈكۈلىۋېرىپ دەرمانى تۈگەپ ، يەپمانى توشۇپمۇ كەتتى .
- ۋۇ بىشىمنىڭ بالاسى پىتۋاش ئىنەكلەر ! سەن نىمىلەرگە داپ داراڭلىغان ، ئىشەك ھاڭرىغان يەردە لەيلەپ يۈرۈش ئوبدان بىلىنگەن بىلەن مۇشۇنداق يۈرىۋەرسەڭلار ئاخىرى سىلەرنى ئالتۇنغا يۆگەپ خەقنىڭ بۇسۇغىغا ئاپىرىپ قويساممۇ كېرەك قىلىشمايدۇ سىلەرنى ئۇقۇپ قۇيۇش ! ئاجىز جىنىمنى بۇنچە قاقشاتماي مىنى بىر خاتىرجەم قىلىۋەتسەڭلار نىم بولىدۇ دەيمەن ؟ ھۈ … ھۈ … ھۈ … - قىزلارنىڭ مولۇندەك بىر- بىرىنى مارىشىپ ، لىۋىنى بوش - بوش چىشلەشلىرىدىن تىخىمۇ قوداڭشىغان ھەۋزىخان بۇيرۇقنىڭ يوغىنىنى سوققىلى تۇردى .
- قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇش ! بۈگۈندىن تارتىپ ئەلچىلىككە كىم كىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئادەملا كىلىدىكەن ماقۇللۇق بەرگىنىم بەرگەن ، ھەرقايسىلىرىنىڭمۇ ئىتىتى - مىتىتى دىيىشلىرىگە رۇخسەت يوق !
- ھەۋزىخاچا ، ھەۋزىخاچۇۋ ! ئۆيلىرىدە بارمۇ سىلى ؟ - مۇشۇ غەلۋىنىڭ ئۈستىگىلا دەرۋازا قېقىلىپ قالدى . مىھمانلار ئۆينىڭ تۆرىگە باشلىنىپ چاققانغىنە داستىخانمۇ تارتىلدى ، كەلگەن مىھمانلارنى كۆرۈپ كۆڭلى ناخۇش بولغان ھەۋزىخاننىڭ كاللىسىدىن :
- ۋاي ئانىمەي ! ھاشىم تازنىڭ سۆلىتىنى يەتتە ئات تارتالمايدىغان بۇ ھاكاۋۇر خۇتۇنى نىمىگە كىلىپ قالغاندۇ ئۆيۈمگە ؟ ھەر قانچە بولسىمۇ قىزلىرىمنى ئۆزىنىڭ سەت ئوغرىلىرىغا سوراپ كەلمىگەندۇ ھە ؟ - دىگەن خىيال كىچىپ تۇرىشىغا ھاشىم تازنىڭ خۇتۇنى گۆھەرنىڭ يىنىدا ئولتۇرغان ، دام دامچىلىقى تۇرقىغا چىقىپلا كەتكەن سالدات چىراي خۇتۇن كانىيىنى قىرىپ گەپ باشلىدى .
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ
نادىر ئەسەرلەر