3 يۈەنلىك رىتسىپ - چىشىڭىزنى ئاقارتىپ سەدەپتەك قىلۋىتىدۇ

文摘   2024-12-04 20:01   新疆  


ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

چىشىڭىز سېرىقداپ كەتسە بۇ ئاماللارنى ئىشلىتىڭ

چىش ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . نەرسىلەرنى چايناش رولى بولۇپلا قالماي يەنە سىرتقى گۈزەللىكىمىزگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ . يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، چىشىمىزمۇ زەخمىگە ئۇچرايدۇ . نۇرغۇن كىشىلەردە كۈندىلىك تۇرمۇشتا چىشنى ياخشى ئاسرىمىغانلىقتىن چىش ئاغرىش ، چىش سېرىقداش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .


چىش سېرىقداپ كېتىشنىڭ 4 ئاسالىق سەۋەبى


1. تازلىق ئادىتى : - نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدە ئەتىگەن كەچتە چىش چوتكىلاش ئادىتى يېتىلمىگەن . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ، ئېغىز بوشلۇقىمىزدا قالغان يېمەكلىك قالدۇقلىرى چىشىمىزغا چاپلىشىپ ، چىشىمىز ساغىرىشقا باشلايدۇ .

2. تاماكا چېكىش ۋە ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى : - تاماكىنى زىيادە چېكىش ۋە ناچار تۇرمۇش ئادىتى ، چاي ، قەھۋە ، كولا قاتارلىق رەڭلىك ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلغانلىقتىن ، چىشقا قالدۇق ماددىلار چاپلىشىۋېلىپ ، چىش بارا بارا ساغىرىشقا ھەتتا قارداشقا باشلايدۇ .

3. قېرىلىقتىن پەيدا بولغان سېرىق :- چىش ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، چىشىمىزمۇ قېرىيدۇ . رەڭگى بارا بارا سۇسلاپ ، سۇس سېرىق رەڭ ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ .


4. چىش پاستىسى بەك قاتتىق سەۋەبلىك پەيدا بولىدۇ : - تازلاش ئۈنۈمى جەھەتتە ، قاتتىق تۈكلۈك چىش پاستىسى يۇمشاق چىش پاستىسىغا قارىغاندا ياخشى . لېكىن قاتتىق تۈكلۈك چىش پاستىسى چىش سىرتقى يۈزىدىكى ئىمال ماددىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ ، پىگمېنىتنىڭ چۆكۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . دائىم قاتتىق تۈكلۈك چىش پاستىسى ئىشلىتىپ چىش چوتكىلىغانلارنىڭ گەرچە چىشى چىڭ بولسىمۇ لېكىن چىشىنىڭ رەڭگى ئاق بولۇپ كەتمەيدۇ . شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بىر يۇمشاق تۈكلۈك چىش پاستىسى ۋە بىر قاتتىق تۈكلۈك چىش پاستىسى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز . 

ئەسكەرتىش : - ھەر ئۈچ كۈندە بىر قاتتىق تۈكلۈك چىش پاستىسى بىلەن چىشنى پاكىز تازلىسا بولىدۇ . لېكىن ھەيز كەلگەندە قاتتىق تۈكلۈك چىش پاستىسى ئىشلەتمەڭ . چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بەدەننىڭ مىتابولىزمى تۇراقسىز ، چىش ئىمال ماددىسى ناھايىتى ئاجىز .

چىش سېرىقداشنىڭ زىيىنى 


چىش سېرىقدىسا تاشقى كۆرۈنۈشىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . باشقىلارغا شەخسى تازلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدىغاندەك تەسىر بېرىپ قويىمىز ، ھەتتا ئاممىۋى سورۇنلار گەپ قىلىشقا ، كۈلۈشكىمۇ پىتىنالمايمىز . ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۆزىمىزنى كەمسىتىدىغان پىسخىكا پەيدا بولۇپ قالىدۇ . 

چىشىڭىز سېرىقدىسا يۇيۇشقا ئالدىرىماي بۇ 2 خىل ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ بېقىڭ ، چىشىڭىز ئاقىرىپ ، ئېغىزىڭىزدىكى غەيرىي پۇراقلارمۇ يوقايدۇ .

1. ناترىي بىكاربونات ( 小苏打 ) بىلەن چىش چوتكىلاش : - ناترىي بىكاربوناتنى لېمون سۈيى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ، يۈزىدىكى كۆپۈكچە يوقىغىچە ساقلاپ ، ئاندىن پەلكۈچ بىلەن چىشىمىزغا سۈرتسەك،  چىشىمىز ئاستا ئاستا ئاقىرىدۇ .

2. بانان شۆپىكى بىلەن چىشنى سۈرتۈش : - بانان شۆپىكى بىلەن چىشىڭىزنى سۈرتۈپ ، ئاندىن سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقىۋەتسىڭىز ، چىشىڭىزدىكى سېرىق داغ يوقاپ كېتىدۇ . ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ . داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرىسىز .

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ


بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章