سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن
ھازىر ھاۋا كۈندىن - كۈنگە سوۋۇۋاتىدۇ، بۇ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ يېپىق پەسلى، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشى ئەڭ ئاستا بولىدىغان مەزگىل. قەھرىتان سوغۇق قىش پەسلىدە چوقۇم بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ ئىسسىق تۇرۇشىغا دىققەت قىلىپ، سوغۇق ھاۋانىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئەزا سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىنمۇ بەكرەك سوغۇقتىن قورقىدۇ، سوغۇق ئۆتۈپ قالسا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىدۇ.قايسى ئەزالار سوغۇقتىن ئەڭ قورقىدۇ؟قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق ھەم قۇرغاق بولۇپ، ئاسانلا بۇرۇن قۇرغاقلىشىپ، يۇتقۇنچاق قىسمىنى غىدىقلاپ، كىچىك كاناينىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نەپەس يولىدا سېزىمچانلىق ئىنكاسى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا سىرتقا چىققاندا ئېغىز ـ يۇتقۇنچاق قىسمىنى ياخشى قوغداپ، بۇرۇن بىلەن نەپەسلىنىپ، سوغۇق ھاۋانىڭ ئۆپكىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش, تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەر كۈنلۈك سۇ ئىچىش مىقدارىنىڭ 1500 مىللىلىتىردىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئىگە نەشپۈت، گۈلسامساق، نېلۇپەر ئۇرۇقى ۋە ئاق مور قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. سوغۇق ھاۋا رايى بەدەننى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، يۈرەك سوقۇش سۈرىتى تېزلىتىپ، يۈرەكنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى ۋە خىزمەت يۈكىنى ئاشۇرۋېتىدۇ، ھەم سوغۇق ھاۋادا قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ، قان ئېقىمى سۈرىتى ئاستىلاپ، يۈرەك بەرداشلىق بېرىدىغان يۈكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بولۇپمۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىمارلىرى سوغۇق ھاۋانىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، تاجىسىمان ئارتېرىيەدە قىسقىرىش، سىپازما پەيدا بولۇش، قان بېسىم سەۋىيەسى ئۆرلەپ، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك سانجىقى ياكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاشنى داۋاملاشتۇرغاندا، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ، سۇ تەركىبىنى مۇۋاپىق تولۇقلىغاندا، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، قان نوكچىسى ھاسىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئەگەر يۈرەك سېلىش، كۆكرەك سىقىلىش ۋە كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش كۆرۈلسە بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاشقازاندىكى قان تومۇرلار ۋە مۇسكۇللار قىسقىراپ، ئاسانلا ئاشقازان سپازمىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خام، سوغۇق ۋە قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا قىش پەسلىدە بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ قانۇنىيەتلىك بولۇشىنى ساقلاپ، مۇۋاپىق مۆتىدىل يېمەكلىكلەرنى، لۇڭيەن، چىلان ۋە كالا گۆشى، قوي گۆشى قاتارلىقلارنى يېيىش، لېكىن ھەزىم قىلىش يولىدا يارا پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك. تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا تۇرغاندا پۈتۈن بەدەندىكى قان قايتىدىن تارقىلىپ، كۆپ مىقداردىكى قان مۇھىم ئەزالارغا ئېقىپ كىرىپ، ئۇلارنى ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمما ئاخىرقى ئۇچ قىسمى، مەسىلەن، ئىككى پۇت، ئىككى قول ۋە قۇلاقتىكى قان مىقدارى ئازلاپ كېتىدۇ، شۇڭا ئاسانلا ئۈششۈك يارىسى بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە سىرتقا چىققاندا قۇلاق ياپقۇچ ياكى شەپكە، پەلەي ۋە پاختىلىق ئاياغ قاتارلىقلارنى كىيىش كېرەك؛ بۇنداق قىلغاندا قاننى تەكشى تەقسىم قىلغىلى بولىدۇ.سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار قىسقىراپ، قان ئايلىنىش سۈرىتى ئاستىلايدۇ، سىلىقلاشتۇرۇش ئاجرالمىلىرى ئازىيىپ، بوغۇم ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا ئاسانلا بوغۇم تېلىپ ئاغرىش، قېتىپ قېلىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. دائىم سىرتقا چىقىدىغان كىشىلەر ئامال بار تىزلىق تاقىۋېلىشى كېرەك. ئادەتتە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە كالتسىينى مۇۋاپىق تولۇقلىغاندا، راك پوستى، ياڭاق، لامنارىيە ۋە سۈت تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە بوغۇملارنى ئاسرىغىلى بولىدۇ. قىش پەسلىدە ئامال بار بوغۇملارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق كېرەك، مەسىلەن، پەلەمپەيدىن چىقىش ۋە تاغقا چىقىش دىگەندەك كۈندىلىك ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن 5 ~ 10 مىنۇت بەدەن قىزىتىش، ھەرىكەت جەريانىدا بوغۇملارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.يۇقىرىقى بىر قانچە ئەزالار سوغۇقتىن قورققاندىن باشقا، بۇرۇنمۇ ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇقتىن قورقىدۇ. چۈنكى سوغۇق ھاۋا بۇرۇن بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن، قىل قان تومۇرلار تېز تارىيىپ، تۈكچىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئازىيىپ، ئاسانلا بۇرۇن ئېقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاپ، سوغۇق ھاۋانىڭ بۇرۇن بوشلۇقىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىلمان تۇز سۈيى بىلەن بۇرۇننى يۇيۇش ھەمدە بۇرۇن قانىتىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز