ئۆزىگە ئىشىنىش ھالىتىنى ساقلاش بولسا ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ھەركۈنى ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن، ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، ئۆزىڭىزگە كۈچ ۋە مەدەت بېرىڭ، ئۆزىڭىزنى كۆپرەك ئېتىراپ قىلىڭ، ھەرۋاقىت ئۆزىڭىزگە مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىڭىزنى، قالتىس ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ تۇرۇڭ. ياخشى قىلالمىغان جايلىرىڭىز بولسىمۇ، ھەرگىز ئۆزىڭىزنى ئىنكار قىلىدىغان ئىشنى قىلماستىن، «ھېچقىسى يوق، كېيىنكى قېتىم چوقۇم تىرىشىمەن» دەپ تۇرۇشنى ئۆگىنىڭ. مەيلى خىزمەت بولسۇن ياكى تۇرمۇش بولسۇن، پەقەت ئاكتىپ ھالەتنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىن كۈنگە مۇنەۋۋەر ۋە ئۆزىڭىزگە ئىشىنىدىغان بولۇپ كېتىپ بارغانلىقىڭىزنى بايقايسىز. بۇ خىل ئىچىڭىزدىن بالقىغان گۈزەللىك ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەرگىز يوقاپ كەتمەيدۇ.ھەسەتخورلۇق بىر ئايالنى تېخىمۇ بەك سەتلەشتۈرىۋېتىدۇ. ھەرقانچە چىرايلىق ئايالمۇ زىغىرلاپ، كىچىككىنە ئىشلار ئۈستىدە كىرىشىۋېلىپ ياشىسا، ناھايىتى تېزلا جەلپكارلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ھەسەتخورلۇقىڭىزنى توختىتىڭ، باشقىلارنىڭ سىزدىن ياخشى بولۇپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرەلمەيدىغان ئىشنى قىلماڭ. ئەگەر ئىزچىل مۇشۇنداق روھىي ھالەت بىلەن باشقىلارغا مۇئامىلە تۇتسىڭىز، ئۇنداقتا، باشقىلارنىڭ يورۇق تەرىپىنى بايقىيالمايسىز، شۇنىڭ بىلەن ئۆز جايىڭىزدا توختاپلا قالىسىز.شۇڭا، ھەرگىز ئىچى تار، كۆرەلمەس ئادەم بولۇپ قالماڭ، باغرىڭىز كەڭ بولسۇن، كىشىلەردىن مەدھىيەلىرىڭىزنى ئايىماڭ، شۇندىلا ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر قىلالايسىز.3-ھەرۋاقىت دىققەتلىك بولۇش
بىر ئايال كۈچلۈكلۈككە قاراپ مېڭىشتا چوقۇم ئۆزى بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى، ھەرقانداق ئىشقا ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا ئوخشىمىغان پوزىتىسىيەدە يۈزلىنىشنى ئۆگىنىشى كېرەك.توپقا قېتىلغاندا ھاكاۋۇر بولماسلىقى، ئوخشاشلا يەنە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكى، قەلبىگە بويسۇنغان ھالدا قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. يالغۇز قالغاندا بولسا، يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرەلىشى، يالغۇزلۇقتىن قورقماسلىقى، ئەكسچە يالغۇزلۇقتىن ھۇزۇر تېپىشنى ئۆگىنىشى كېرەك.ئاياللار ئامال بار باشقىلارنىڭ ئىدىيەسىگە تايانماسلىقى، ئۆزىنىڭ قەلبىگە بويسۇنۇشى كېرەك. شۇندىلا ئۆزىنى تېخىمۇ بەك بېيىتالايدۇ.بۇ دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ، ھەرگىز ئۆزىڭىزگە بەك قاتتىق بولۇپ كەتمەڭ، مۇكەممەللىك قوغلىشىشىڭىزنىڭ ياكى جاھىل بولۇپ كېتىشىڭىزنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. سىز مەيلى قانداقلا بولۇڭ، سۆيۈلۈشكە ئەرزىيسىز.ھەرگىز يېتەرسىزلىكىڭىز ئۈچۈن باش قاتۇرماڭ ياكى ئەندىشىلەنمەڭ. ئۆزىڭىزگە كۆپرەك كەڭ قورساق بولۇڭ، چۈنكى ھەربىر ئادەمدە خاسلىققا ئىگە بەزى يورۇق نۇقتىلار بولىدۇ. يېتەرسىزلىكىڭىزنى ھەم ھەقىقىي ئۆزىڭىزنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىڭ، شۇندىلا سىز چىن قەلبىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى ئېتىراپ قىلالايسىز ھەم قوبۇل قىلالايسىز ۋە شۇنداقلا ئۆزىڭىزنى قانداق سۆيۈشنىمۇ ئۆگىنەلەيسىز.يۈ چيۇيۈ: «كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى دەل ئاددىيلىقتىن قۇتۇلۇشتۇر. بىر كۈن بۇرۇن كىتاب ئوقۇغان ئادەم ھاياتىغا ئارتۇق بىر ھەسسە رەڭدارلىق قوشالايدۇ، بىر كۈن كېچىكىپ كىتاب ئوقۇغان ئادەم ئارتۇق بىر كۈن ئاددىيلىق ئازابىدا ياشايدۇ» دېگەن.ئاياللار رەڭدار ياشاشنى ئارزۇ قىلسا، چوقۇم كىتاب ئوقۇشنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، كىتاب ئوقۇغاندا، ئاياللارنىڭ سالاپىتى ۋە روھىي ھالىتىدە زور دەرىجىدە يۈكسىلىش بولىدۇ.كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ يۈكسىلىشلەر يىغىلىپ، سىزنىڭ پاراسىتىڭىز، كۈچ-قۇدرىتىڭىز ۋە خاسلىقىڭىزغا ئايلىنىدۇ. بۇ نەرسىلەر شۇندىن ئېتىبارەن، سىزنى مۇنەۋۋەرلىك يولىغا ئېلىپ ماڭىدۇ. ياشاش ئىنتايىن گۈزەل بىر ئىش. بۇ ھاياتلىققا كەلگەنكەنمىز، چوقۇم ياخشى ياشىشىمىز، سۆيۈشىمىز، باشتىن كەچۈرۈشىمىز، ھېس قىلىشىمىز، ئەتراپىمىزدىكى ھەرقانداق بىر كىچىك نەرسىدىنمۇ ھۇزۇر ئېلىشىمىز كېرەك.تۇرمۇشنى سۆيۈپ، ئۆزىمىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلغاندا، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ، ھاياتىمىزنى تېخىمۇ كۆپ رەڭدارلىقلارغا تولدۇرالايمىز.يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز