سۆيۈملۈك رەقىبىم
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
3- قىسىم
- بىزنى نىمىشقا كىلىپ قالغاندۇ دەپ ئىچىلىرى پۇشۋاتىدۇ ھەقىچان ھەۋزىخاچا ، ئەمىلىيەتتە مۇنداق ئىش قارىسىلا ، ھاشىم باي ئاكىمىز بىلەن گۆھەرخان ئاچىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق چوڭ كىچىك بايۋەتچىلىرىنىڭ سىلىنىڭ نەۋرە قىزلارغا كۆڭلى چۈشۈپ قاپتىكەن ، ئوتتۇرىدا ئەلچە ماڭدۇرايلىمىكىن دىسە ئۆزلىرىنى يوقسۇل ھىساپلىۋىلىپ ئەيمىنىپ قالمىسۇن دەپ گۆھەرخان ئاچام ئۆزى باش بۇلۇپ ئۇدۇل كىلىۋېرىشنى خالاپ قاپتۇ ، باي ئاكىمىز بىلەن گۆھەرخان ئاچىمىز ئىككى قىزنىڭ تويلۇقىغا ئونمىڭدىن جەمىي يىگىرمە مىڭ نەقپۇل ، ھەر بىرىگە بىر جۈپتىن ئالتۇن زىرە ، بىر جۈپتىن ئالتۇن بىلەيزۈك ، تۆت قۇردىن يازلىق ، قىشلىق كىيىم - كىچەك ۋە ئاياق ، تۆت قوي ، تۆت تۇڭ ماي ، تۆت خالتا گۆرۆچ ۋە تۆت تۇنۇر ناننى ماقۇل كۆرۈشۈپتىكەن ، ناۋادا سىلىنىڭ باشقا تەلەپلىرى بولمىسا ئۈچ كۈنگىچە بايا دىگەن بويىچە رەسمىي چايغا كەلسەك بولامدىكىن دىيىشىۋىدۇق ، - ما خۇتۇن قەيەرنىڭ سورتلۇق يالاقچىسى بولغىيتتىكىن تاڭ قاش كۆزىنى سۈزۈپ ، تىنىقتا بىر دىمىقىنى قىقىپ ۋالاقلاپ ھەۋزىخاننىڭ خۇيىنى خېلى تۈزۈكلا تۇتقۇزۇپ قويدى . دەۋاتقان گەپلىرىدىن ئۇلار ھەرگىزمۇ بۇ ئۆيگە قىز سوراپ كەلگەنگە ئەمەس قوي - كالا ياكى ئات - ئىشەكتەك نەرسىگە خېرىدار بولغىلى كەلگەندەك تۇراتتى . ھەۋزىخاننىڭ بەدىنىنىڭ گىرادۇسى قىرىق تۇققۇزغا چىقىپ ، يۈرىكى ئات چاپقاندەك سوققىلى تۇردى .
- تۆت تال پۇلۇڭلارغا ئىشىنىپ مۇشۇنداق ئۈسۈپلا كىلىۋەرسەڭلار بولامدا خەقنىڭكىگە ؟ خىيالىڭلاردىزە پالان - پوكۇن پۇل ۋە ئالتۇننىڭ گىپىنى ئاڭلىسا ئەس ھوشىنى يوقىتىپ ئىككى قىزىنى قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قۇيىدۇ بۇ پۇل كۆرۈپ باقمىغان تۇل قېرى دەپ قاپسىلەر ھە ؟ كۈپكۈندۈزدە ئۇخلىماي چۈش كۆرۈشۈپسىلەر، سەن خەققە ھىلىغۇ قىزكەن ، ئۇلارنىڭ چىچىپ قويغان پوقىمۇ يوق ! قۇلۇمغا سۈپۈرگە چىقىپ قىلىشتىن بۇرۇن تېش كىتىۋالامسىلەر ؟ - دەپ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكۈسى بار ئىدى . لىكىن ئەلچىگە ئۆلۈم يوق دىگەن گەپ بولغاچقا ھەۋزىخان لىۋىنى چىڭ بىرنى چىشلىگەندىن كىيىن دانىمۇ دانە قىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى .
- ۋوي ! ئىسىمدە قىلىشىچە ھاشىماخۇن ئىنىق قىلىپ مىنىڭ مۇنۇ ئىككى ماڭقامنى : ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا كۆرۈپ قالىدىغان بولسام ئاق ئىتىمەن ، شاق ئىتىمەن ، ئاپتاپقا سېلىپ قاق ئىتىمەن دەپ كەتكەنىدى ، ھەر قانچە بولسىمۇ ئۆزىنىڭ دىگەنلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغاندۇ ؟ ھاشىماخۇن ساقتۇ ھە گۆھەرخان ؟ نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قىلىپ سىلىگە جاپا بولىۋاتامدىيا ؟ ياشلا ئىدى بولمىسا ؟ ۋاي ئېسىت ! ۋاي ئېسىت ! … - گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە گۆھەرخان تاقەپ قىلىپ تۇرالمىدى ، خەق ئېرىنى ساراڭ دەۋاتسا تاقەت قىلغىلى بۇلامتى ؟ بۇلۇپمۇ گۆھەرخاندەك خۇتۇنلار .
- ئوھوشتە ! ئادەم ئىتىپ خېرىدارلىقىنى قىلىپ قويسا نىم ئادەم قارغاپ يۈرىيدۇ ما جەددال ؟ ئۆزۈڭ ئادىشىپسەن نېرۋاڭدىن ! بىزنىڭ ئوغۇللىرىمىزغا قىزىنى بېرەلمەي ئارماندا يۈرگەنلەر پاتماندا بىر بىلىپ قوي ! تۇل مومايكەن ، يىتىمەككەن دەپ بىشىنى سىلاپ قويايلى دىسە …
- تۈفىي ! بىر موچەننىڭ تۆشۈكىدىن ئاياققا ئون قىتىم ، ماياققا ئون قىتىم ئۆتىدىغان سەندەك كۆڭلى دىۋانە بايلار ئادەم ئەتمىسىمۇ نى - نى ساخاۋەتچى بايلار قىزلىرىمنى سوراپ بوسۇغامنى تىشىۋىتەي دىدى مۇشتاپتا ، قىزىنى سىلەرگە بېرەلمەي ئارماندا يۈرگەنلەر بولسا مىنىڭ ئۆيۈمدە ھەر قايسىڭغا نىمە سوۋۇتۇپ قۇيۇپتىكەن ئەمىسە ؟ تولا نەسلىك ياغدۇرماي چىقىشە ئۆيۈمدىن ؟
- ۋاي ما ساراڭ قېرى راسلا ئالجىپ قاپتۇ جۇمۇ ! پىشانسىگە قونغىلىۋاتقان بەخىت قۇشىنى قوغلاۋاتقىنىنى ! ۋاييەي ! ۋايجان ! تىز قىچىڭلار ، جىڭ ساراڭكەن بۇ ! - ھەركەتنى ھىلىقى سالدات چىراي خۇتۇننىڭ ئوڭ مۈرىسىگە سۈپۈرگە ياغدۇرۇشتىن باشلىغان ھەۋزىخان بىر- بىرىدىن ھەيۋەتلىك كەلگەن بەش ئالتە خۇتۇننى سۈر- توقاي قىلغان پىتى دەرۋازىدىن چىقىرىۋىتىپ ئاندىن توختىدى .
- ۋىيەي موما ، ھاسىراپ ئاران قالغىنىڭنى قارا ، خالىمىساڭ ياق دەپ يولغا سىلىۋەتسەڭلا بولاتتىغۇ ، مىھماننى سۈپۈرگە بىلەنمۇ قوغلىغان بارمۇ دەيمەن …
- ۋاي - ۋۇي موما ! نىمانچە چىچىلغانلىق بۇ ؟ بايىلا تىخى ئادەملا كىلىدىكەن ماقۇل بولىمەن دەۋاتمامتىڭ ، ھىچقاچان قىلمىغان قىلىقنى قىلىپ خەق ئاڭلىسا سەت ئەمەسمۇ … - مىھمانلارنى سۈر توقاي قىلىپ بۇلۇپ ھاسىرىغان ھالدا دەرۋازا تۈۋىدىلا ئولتۇرۇپ قالغان ھەۋزىخان ئەمدىلىكتە سۈپۈرگىنى يىنىغا ئۈنۈپ ھەدەپ كوتۇلدىشىۋاتقان ئىككى قىزنىڭ دۈمبىسىدە ئويناتقىلى تۇردى .
- ۋۇ بىشنى يىگۈر پىتلىقلار ! سەت تۇرسا تۇرمامدۇ ؟ ئەجەپ بىر ئاشۇ پەسەندىلەرگە تۇمۇرىڭلار سوقىۋاتقاندەك بىلجىرلىشىسىنا ما ئىككىڭ ! ماقۇل بولىمەن دىگەنتىم دەپ بۈگۈنلا قۇلۇڭلاردىن يىتلىتىپ قويسام بولامتى يا ؟ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار دەيدىغان گەپ بار ماۋۇ يەردە ! مەنچۇ ئادەمگە بېرىمەن دىدىم سەن زەمەرىكلەرنى ئادەمگە ! - شۇنداق قىلىپ خەق ئاڭلىسا ئاغزىنى ئىچىپ قالغۇدەك كاتتا تويلۇقنىڭ داۋرىڭى بىلەن كەلگەن ئەلچىلەر توخو كاتىكىگە كىرىۋالغان ئىت - مۈشۈكلەردەك قوغلىۋىتىلدى . ھەۋزىخان ۋە ئىككى قىزنىڭ ئۆز كۆڭۈللىرىدە بۇ ئەلچىلەرنى قايتا كەلمەيدۇ ھەتتا نۇمۇس قىلمىسا سۈپۈرگە كۆتىرىپ قوغلىغىنى ئۈچۈن ھىساپ ئالىدۇ دەپ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە ئەتىسى بۇ ئۆيگە ھاشىم تاز ئۆزى كىرىپ كەلدى . ئوڭ قولىدا بىر پۇت گۆش ، سول قولىدا بىر تۇڭ ماي ، چىرايىدا بىر قۇچاق خۇشامەت - كۈلكىنى كۆتىرىپ .
- ھى … ھى … بامۇسىلى ھەۋزىخاچا ! ئۇزۇندىن بېرى سىلىدىن ئەھۋال سوراپ كىلىش ئويۇم بولسىمۇ ئىشلار تازا ئەپلەشمەي ، ھى … ھى … ئاز بولسىمۇ ، ماۋۇنى ، ھى … ھى … - ھويلىسىدا سۆگەلدەكلا پەيدا بولغان بۇ مىھمان ھەۋزىخاننىڭ ئەمدىلەتىن يانغان پەيلىنى قايتا داۋالغۇتىۋەتتى ، ئا ئىشنىڭ ھىسابىنى ئالارمۇ دەپقۇ ھودۇقۇپ كەتمىدى . چۈنكى ھىساپ كىتاپ قىلىدىغان ئادەم سوۋغا - سالام بىلەن تۈلكىدەك ھىجاراپ كىرمەيدۇدە خەقنىڭ ئۆيىگە ؟ تىللاپ قوغلىۋەتسىمۇ يەنە قىز سوراپ كىرگەن گەپ . قىزى بارنىڭ نازى بار دەپ مۇشۇنداق چاغدا قىلمىسا قاچان قىلىدۇ نوچىلىقنى ؟
ھاشىم تازنى كۆرۈپ تەرى مىچچىدە تۈرۈلگەن ھەۋزىخان ئۇنىڭ كۆتىرىپ كىرگەن نەرسىلەرنى سۇپىغا قويىشىغىمۇ پۇرسەت بەرمەي سۆزلەپلا كەتتى .
- ياق ، ياق ، ياق ! ھەرگىزمۇ ئارتۇق كايىمىغايلا ھاشىماخۇن ، بۇ ئۆمرۈمدە بۇنداق كاتتا ئىلتىپاتلىرىغا لايىق بىرەر ئىش قىلىپ بېرەلمەيمەن جۇمۇ سىلىگە ، شۇڭا قاراپ تۇرۇپ مەندەك بىر تۇل مۇماينى كۆتىرىپ قوپقۇسىز قەرزگە چۆكتۈرمەي بۇ نەرسىلەرنى ئاپىرىپ ئۆزلىرى يىسىلە ، - ھەۋزىخان تەرىنى ئاچماستىن بىر جاھىللىق قىلىۋىدى ھاشىم تازنىڭ : بۇ ھەرگىزمۇ سىلىنى قەرز قىلغىنىم ئەمەس ، مىنىڭ كىچىككىنە كۆڭلۈم خالاس ، بۇنچىلىك نەرسىگە بىرەر ئىش قىلىپ بەرمىسىلىمۇ بولىدۇ ، ئۇنداق قىلماي قۇبۇل قىلغان بولسىلا … دىگەن چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭ ھىچبىرى چۇرت كار قىلمىدى . ئەكەلگەن نەرسىلىرىنى بىرەر يەرگە قويالماي قولىدا تۇتقان پىتى تۇرۇپ قالغان ھاشىم تاز ئامالسىز گىپىنى ئۆرە تۇرۇپ دىيىشكە مەجبۇر بولدى .
- ئالدىنقى كۈنى ئۆيدىكىلەر سىلىنىڭكىگە كىرىپتىكەنغۇ ھەۋزىخاچا ، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە سىلى ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ سەل چېچىلىپ قاپتىلا ، لىكىن ئەلچىلىكنى رەتمۇ قىلماپتىلا ، شۇڭا ئۆتكەن ئىشلارغا مەن ناماقۇل بولسام ئوڭشىلىدىغانلا ئىش بولسا دەپ ئۆزەم كىرىشىمتى قارىسىلا ، بۇرۇن نىمىلا ئىش يۈز بەرگەن بولسۇن كۆڭۈللىرىدىن چىقىرىۋىتىپ بالىلارنىڭ ئىشىغا رازىلىق بەرگەن بولسىلا ، تويلۇق دىتلىرىگە كەلمىگەن بولسا يەنە قوشساق بولىدۇ ، بىزنىڭ پۈتۈن تاپقان - تەرگىنىمىز مۇشۇ ئىككى بايۋەتچىنىڭ … - ھاشىم تازنىڭ گىپى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ھەۋزىخان ئۆزىنى پەقەت تۇتۇپ تۇرالمىدى ۋە ئولتۇرغان ئورنىدىن قاڭقىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى .
- توختىسىلا ھاشىماخۇن ، مىنىڭ ئاشۇ سەل چېچىلىپ قالغىنىم ئەلچىلىكنى رەت قىلغىنىمنى بىلدۈرمىگەن بولسا ئۇمۇ بوپتۇ ، قوشۇلغانمۇ بولاي . تويلۇق دىتلىرىگە كەلمىگەن بولسا دەيدىلا ، راس ، دىتىمگە كەلمىدى ئۇنچىلىك نەرسە . بىر قىزىمغا ئۇتتۇز مىڭدىن ئىككىسىگە ئاتمىش مىڭ ئەكىلەلەملا ؟ - قوشۇلغانمۇ بولاي دىگەن گەپنى ئاڭلاپ چىرايىغا ئەمدىلەتىن كۈلكە يۈگۈرگەن ھاشىم تاز ئاتمىش مىڭنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كەينىگە نەچچە دەلدەڭشىپ كەتتى .
- نى … نى … نىمە ؟ ئا … ئا … ئاتمىش … مى … مى … مىڭ ؟ - بەرمەس قىزنىڭ تويلۇقى ئېغىر دىگەن تەمسىل ئىسىگە كىلىپ مۇنداقلا دەپ قويغان گىپىنىڭ كۈچىدىن ھەۋزىخان خېلى قانائەت تاپقاندەك بولدى ۋە تىخىمۇ ئۈنلۈك ۋە ئۇرغۇلۇق قىلىپ :
- شۇنداق ھاشىماخۇن ، ئىككى قىزىمغا ئاتمىش مىڭ تويلۇق ئەكىرسىڭىز بوپتۇ بۇ تويغا قۇشۇلاي ، - دىدى . ئۇ چاغلاردا ھال - ئوقىتى خېلى ياخشى ئادەملەرمۇ تويلۇق ھىسابىغا ئېشىپ كەتسە يەتتە سەككىز مىڭلا ئەكىرەتتى ، ئالدىنقى كۈنى ئۇلارنىڭ ئونمىڭدىن يىگىرمە مىڭ ئەكىرىمىز دەپ كۆرەڭلەپ كىتىشلىرىمۇ ئەنە شۇنىڭدىن ئىدى . ئون مىڭ تويلۇقنى ھەر قانچە ئاز كۆرسىمۇ بىرەر ئىككى مىڭ قوشۇپ ئەكىرىڭلار دەر دەپ مەيدىسىگە ئۇرغان ھاشىم تاز ئاتمىش مىڭنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تاس قالدى كەينىگە تىك موللاق چۈشكىلى . ھەقىقەتەن ئاز پۇل ئەمەستە بۇ ؟ تۇل مۇماينىڭ ئىككى قىزىمۇ ھەرگىز ئالتۇن كاكىلايدىغان توخو ياكى تىللا تۆكىلىدىغان دەرەخمۇ ئەمەس ، نان يەيدىغان ئېغىزى بار ، يىگەن شۇ ناننى پوق قىلىپ چىقىرىدىغان كۆتتى بار ئادەتتىكى ئادەم بالىسى خالاس .
شۇنچىلىك پىخسىق ، تۆمۈر خوراز بۇنچىۋالا تويلۇققا ماقۇل دەمتى ؟ چىرايىنى كونا پالاستەك ئۆڭدۈرۈپ ، قوللىرىدا كۆتىرىپ كىرگەن نەرسىلىرىنى چىڭڭىدە تۇتقىنىچە ، غالداڭلاپ تاغقا بىرنى باغقا بىرنى دەسسەپ تۇل موماينىڭ قىڭغىر دەرۋازىسىدىن ئاران چىقىپ كەتتى . ھاشىم تازنىڭ قارىسى كۆز ئالدىدىن تۇلۇق يۈتۈپ بولغۇچە پىتىنى بۇزماي ھومىيىپ تۇرغان ھەۋزىخان ئۇ چىقىپ كىتىشىگىلا سىڭايان كۈلگىنىچە دىمىقىنى قاتتىق بىرنى قاقتى :
- ھىھ ! سۈپۈرگە كۆتىرىپ ئۆيۈمدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتسەممۇ مەقسىتىمنى بىلمىگۈدەك دىۋەڭ ئەمەسقۇ ھەر قايسىڭ ، بىلسەم بىلمىسەم ئاشۇ سىسىق پۇلۇڭلارغا ئىشىنىپ قىلىۋاتقان قىلىنلىق بۇ . قىنى نوچى بولساڭ ئاتمىش مىڭنى كۆتىرىپ يەنە كىلىشكىنە ئالدىمغا ، - موماي بۇ قىتىم تۇلۇق ئىشەنچ بىلەن ئۆز ئىشىغا مەشغۇل بولدى . ئەلۋەتتىدە ، ئۇنچىۋالا پۇلنىڭ مەرىدىن ھىلىغۇ ھاشىم تازكەن ، نوشىرۋان شاھ بولسىمۇ ئۇنداق ئاسان كىچەلمەيدۇ . ئاددى بولسا ئون ، خېلى داغدۇغا قىلسىمۇ يەتتە سەككىز يىگىتنىڭ تويىغا بويلىشىدىغان پۇل تۇرسا ئاتمىش مىڭ دىگەن . ئەمدىكى گەپ قىزلارنىڭ ياغاچ قۇلىقىنى تولغاشتا قالدى ، نىمىشقا دىمەڭ ، ھەۋزىخان ئائىلىسىنى تۇخۇمغا ئوخشاتساق ، ھاشىم ھەر قانچە تاز بولسىمۇ قاتتىق تاشنىڭ نەق ئۆزى . كۆرگەن بىلگىنى كۆپ ، ئىچىدىكى ھىيلىسى ئۇنىڭدىن كۆپ . كىم بىلىدۇ ، بىرەر ھىيلە ئىشلىتىپ قىزلارغا ئەلچى كەلمەس ھەتتا بىچارىلەر ئۆزلىرى خالاپ بىر پۇڭ تويلۇق ئالماي قۇدىلىشىشقا ، ئۇ تاشنىڭ ئالدىدا تۇخۇمدەك مىجىلىشقا توغرا كىلىپ قالامدۇ تىخى بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ .
- جىنىم قىزلىرىم ، ئىككىڭلارنى ئۆز لايىقىڭلاردا بىرسىگە تويلاپ بېرىشتىن بۇرۇن تالا - تۈزگە ئازراق قاتراڭلار بولامدۇ ؟ مۇمكىن بولسا بىر مەزگىل دەرۋازىنىڭ سىرتىغىمۇ چىقماڭلار ، ھاشىم تازنىڭ تىيتاڭ تۇمۇرىغا ئوبدانلا تىگىپ قويدۇم ، مۇشۇ مىجەزىمگە بولسىمۇ سىلەرنى ئەرگە بېرىۋالغۇچە مەيدەمنى تىك تۇتۇپ ياشىۋالاي ، ھەرگىزمۇ ئەجىلىمدىن بۇرۇن كىتىپ قالماي ، - قىزلارمۇ نىمىدىندۇ ئەندىشە قىلىۋاتقاندەك لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە ھەۋزىخانغا سۇۋۇندى .
- ئۇنداق دىمىگىنە موما ، ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇنچىلىك بولۇپ كەتمەس .
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ
نادىر ئەسەرلەر