لۆڭگە ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى ئىشلىتىدىغان كىچىك نەرسە. لېكىن سىز بىلەمسىز؟ كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر تال لۆڭگە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىدىكى دوختۇرنىڭ قولىدا ئاغرىقنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدىغان خىسلەتلىك بۇيۇمغا ئايلاندى.
سۇڭ شياۋيەن.
بېيجىڭ شەنفاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە داۋالاش باش نازارەتچىسى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۇڭ شياۋيەن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇ ئىقتىسادىي شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بىر بىمارنى داۋالىغان، بىمار ئۇزاق مۇددەت بەل ئاغرىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇن چارىلەرنى سىناپ، ھەر خىل قىممەت باھالىق ئەسۋابلارنى سېتىۋالغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىغان، سۇڭ شياۋيەن ئۇنىڭغا لۆڭگە بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بەردى. بىر كۈنى بىمار سۇڭ دوختۇرنى ئىزدەپ كېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا: ـــ سۇڭ دوختۇر، بۇ لۆڭگە بەك ئەسقاتتى. بۇ لۆڭگىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، مىنىڭ بەل ئاغرىقىمدا كۆرنەرلىك ياخشىلنىش بولدى.”دېدى.
بۇ لۆڭگىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى داۋالاش رولى ھەقىقەتەن قالتىس. تۆۋەندە بىر تال ئىسسىق لۆڭگىنىڭ زادى قانداق داۋالاش رولى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى؛
01
بىر تال ئىسسىق لۆڭگىنىڭ 10 خىل داۋالاش رولى
1. كۆز ھارغىنلىقىنى پەسەيتىدۇ
لۆڭگە بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزسە، كۆز ئەتراپىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزنىڭ ھارغىنلىقىنى يېنىكلەتكىلى، كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىنى قىسمەن پەسەيتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ يەنە كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار.
مېي ئەپەندى سەككىز يېشىدا سەنئەت ئۆگەنگەن، 11 يېشىدىلا سەھنىگە چىقىپ چاڭچىلە ئوينىغان، جىڭجۈ تىياتىرى ئارتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆزىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ، مېي لەنفاڭ ئەپەندى دائىم كۆزى چاچچىغاندەك ھېس قىلىدۇ، شۇڭا ھەر قېتىم چاڭچىلە ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، مېي لەنفاڭ ئىسسىق لۆڭگە بىلەن كۆزىگە ئىسسىق ئۆتكۈزىدۇ. دەل مۇشۇ ئۇسۇل ئۇنىڭ سەھنىدە ئۇزۇن مەزگىل تۇرشىدا تۈرۈتكۈلۈك رول ئوينىغان.
2. گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئىسسق لۆڭگىنى قۇلاققا چاپلىسا ياكى يېنىك سۈرتسە، قۇلاق قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان فۇنكسىيەلىك گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
3. باش قېيىشنى ياخشىلاش
ئىسسىق لۆڭگىنى ئارقا مېڭىگە قويۇپ، ھەر قېتىمدا نەچچە مىنۇت تۇرغۇزغاندا، ئارقا مېڭىدىكى پەللىلەرنى غىدىقلاپ، بىمارلارنىڭ باش قېيىش ئالامەتلىرىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، يەنە قارشى كۈچىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
4. بويۇنغا يەل تۇرۇپ قېلىشنى داۋالاش
يېنىك دەرىجىدە بويۇنغا يەل تۇرۇپ قالسا، ئىسسىق لۆڭگىنى ئاشۇ ئورنىغا تېڭىش ھەمدە بويۇننى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش، باش قىسمى ئاستا-ئاستا ئالدىغا ئىگىلىپ، ئاستا-ئاستا ئوڭ-سول تەرەپكە بۇرۇلۇش، بۇنداق قىلغاندا بويۇنغا يەل تۇرۇپ قىلىشقا ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش
دەسلەپكى مەزگىلدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ئالامەتلىرى، مەسىلەن، بويۇن قاتتىق بولۇش، تېلىپ ئاغرىش ياكى سوغۇق ئۆتۈپ قالغاندىن كېيىن يېنىك ئاغرىش كۆرۈلسە، لۆڭگە بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە كېسەللىك ئالامىتىنى ياخشىلاپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى پەسەيتىپ، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
6. ئاستا خاراكتېرلىك بەل ئومۇرتقا ئاغرىقىنى پەسەيتىش
بەل ئومۇرتقىسى ئاغرىقىغا لۆڭگە بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزسە، يەرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.
7. يىقىلىپ زەخىملىنىش
ھەركەتتە يىقىلىپ زەخىملەنگەندىكى سېزىمچانلىق مەزگىلىدە ئىسسىق ئۆتكۈزسە بولمايدۇ، ئەگەر زەخىملىنىپ 2 ~ 3 كۈن ئىچىدە زەخمىلەنەەن ئورۇندىن قان چىلمىسا ھەم ئىششىق بولمىسا ئىسسىق لۆڭگە بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىشكە بولىدۇ.
8. ئوكۇل ئۇرغۇزۇشتىن كېلىپ چىققان قاتتىق تۈگۈن
ئوكۇل سالغاندىن كېيىن قاتتىق تۈگۈن بار ئورۇنغا ئىسسىق لۆڭگىنى ئاستا سۈرۈپ، ھەر 30 مىنۇتتا بىر تەرەپتىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، بىر تەرەپتىن ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قاتتىق تۈگۈن قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دورا سۇيۇقلۇقىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلىتىدۇ.
9. ساغرا قىسمىنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىش
ساغرا مۇسكۇللىرى قېتىشىپ يېنىك دەرىجىدە ئاغرىدۇ ياكى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، تۈز ياتقاندا لۆڭگە بىلەن ئاغرىغان ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە، كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
10. ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش ياكى سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىقىنى داۋالاش
ئاياللاردا ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش ياكى سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان قورساق ئاغرىشنى لۆڭگىگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە، يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئىسسىق لۆڭگىنىڭ بۇنداق كۆپ ئاجايىپ ئۈنۈمى ئەمەلىيەتتە جۇڭگو تېبابىتىدىكى ئىسسىق ئۆتكۈزۈش نەزەرىيەسىگە ئەمەل قىلىدۇ: « لۆڭگە بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزسە، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئۇ بەدەننىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ، قان ئايلىنىش ياخشى بولسا، ئاغرىق پەسىيىدۇ» . شۇڭا بەدىنىمىزدىكى يەل ۋە قان ئۇيۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئاغرىقلارغا قارىتا، ئىسسىق لۆڭگە بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزسەك ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
02
ئىسسىق لۆڭگە ئىشلىتىشتە بۇ 3 نوقتىغا دېققەت قىلىش كېرەك
1. كۆيۈپ يارىلىنىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە دىئابېت كېسىلى، بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق قان ئايلىنىش ياخشى بولمىغان ياكى سېزىمى ياخشى بولمىغانلار. شۇڭا، ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە، چوقۇم ھەر ۋاقىت بۇ كىشىلەرنىڭ تېرىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.
2. بۇ ئورۇنلارغا ئىسسىق ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.
ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە، ئەگەر تېرە قىزىرىپ قاپىرىپ قالسا، دەرھال توختىتىش كېرەك، يۈز قىسمىنىڭ خەتەرلىك ئۈچ بۇرجەك رايونىدا يۇقۇملىنىش بولغان، ھەر خىل ئىچكى ئەزالار قاناش، يۇمشاق توقۇلمىلار زەخىملىنىش، قايرىلىپ كېتىش، تېرە ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
3. ئىسسىق ئۆتكۈزۈش پەقەت بەزى دەسلەپكى ياكى يېنىك كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ
ئەگەر تېرە زەخىملەنگەن ياكى ئېنىق دىئاگنوز قويۇلمىغان بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
03
دائىم لۆڭگە بىلەن گىمناستىكا ئوينىغاندا ساغلام بولۇپ ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ
ھۆل لۆڭگە بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ، قۇرۇق لۆڭگىنىڭ رولىمۇ كىچىك ئەمەس، قۇرۇق لۆڭگىنى ئىشلىتىپ گىمناستىكا ئويناش ئادەم بەدىنىنىڭ بويۇن، مۈرە، بەل، دۈمبە ۋە بىلەك قاتارلىق ئورۇنلىرىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇسكۇلنىڭ تارتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
70 يېشىدا 10 مىڭ مېتىرغا يۈگۈرگەن، 92 ياشقا كىرگەن تەيۋەن پىلاستىك ماتېرىيال شاھى ۋاڭ يۇڭچىڭ ئەپەندى لۆڭگە بىلەن گىمناستىكا ئويناپ كېسەلدىن قۇتۇلۇپ بەدىنىنى كۈچلەندۈردى! بۇ بىر يۈرۈش گىمناستىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەممە ئادەم مەشىق قىلالايدۇ.
1. لۆڭگە تارتىش
ئىككى پۇتىدا لۆڭگىنىڭ بىر ئۇچىنى قىسىپ تۇرۇپ، تىزنى تۈزلەپ، قولدا لۆڭگىنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى تۇتۇپ بىلەكنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈش، مۇشۇ ھەرىكەت تەكرارلىنىدۇ.
2. لۆڭگىنى دەسسەش
سېلىنچا ئۈستىدە تۈز يېتىپ، بىر پۇتنى تۈز سوزۇپ، ئاندىن ئىككى قول بىلەن لۆڭگىنىڭ ئىككى ئۇچىنى تۇتۇپ، يەنە بىر پۇتنى لۆڭگىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئىلىپ، پۇت-قولىنى تەڭ ھەركەتلەندۈرۈش، نەچچى مىنۇت قىلغاندىن كىيىن ئاندىن پۇتنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.
3. لۆڭگە كۆتۈرۈش
قەددىنى رۇسلاپ تۇرۇپ، ئىككى پۇتىنى مۈرىسىدىن كەڭ ئېچىپ، ئاندىن ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىككى قولى بىلەن لۆڭگىنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئايرىم-ئايرىم تۇتۇپ، بىر تەرەپكە ئېگىلىپ تۈز تۇرىۋىتىپ يەنە بىر بىر تەرەپكە ئىگىلىش. مۇشۇ ھەركەتنى تەكرارلاش.
4. تۈز قەدەم بىلەن لۆڭگىنى تارتىش
ئوڭ پۇتتا ئالدىغا مېڭىش، سول پۇتنى ئارقىغا سوزۇش، ئىككى پۇتنىڭ تاپىنىنى يەرگە تەگكۈزۈش كېرەك. ئىككى قولىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا لۆڭگىنىڭ ئىككى ئۇچىنى سوزۇپ تۇتۇپ يۇقىرىغا كۆتۈرىدۇ، ھەرىكىتى نەچچە سېكۇنت داۋاملىشىپ، ئاندىن پۇتنى ئالماشتۇرىدۇ.
پايدىلىق تەرىپى: ئۇيقۇدىكى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى غىدىقلايدۇ.
مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، « لۆڭگە گىمناستىكىسى» نىڭ چېنىقىش ئۈنۈمى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. « لۆڭگە گىمناستىكىسى» نىڭ ھەرىكىتى ئاساسلىقى لۆڭگىنى« تارتىش» بولۇپ، بۇ« تارتىش» كە سەل قاراشقا بولمايدۇ، پەقەت ئوخشاش بولمىغان ئورۇن ۋە تارتىش يۆنىلىشىگە ماسلاشقاندىلا، پۈتۈن بەدەندىكى جىڭلولارنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
ھازىرقى زامان مېدىتسىنا تەتقىقاتىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئادەمنىڭ دۈمبە ۋە تېرە ئاستىغا نۇرغۇن« ئۇيقۇدا ياتقان» ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى يوشۇرۇنغان بولۇپ، غىدىقلىنىش كەمچىل بولغان ئەھۋالدا، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى ئادەتتە بىر خىل« ئۈچەككە كىرىش» ھالىتىدە تۇرىدۇ.
مەسىلەن، ياخشى سۈپەتلىك غىدىقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇنى جانلاندۇرۇپ، قان ئايلىنىشقا كىرگۈزۈپ، يات ماددىلارنى يۇتۇۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تورسىمان ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرۇپ، زىيانلىق كېسەللىك باكتېرىيەسى ۋە توكسىننى ئاكتىپلىق بىلەن يوقىتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېز سۈرئەتتە جىڭلونى راۋانلاشتۇرۇپ ھەمدە ئىچكى ئەزالارنى تەڭشەپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
كىچىككىنە بىر لۆڭگە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى، بويۇنغا يەل تۇرۇپ قېلىش، بەل، دۈمبە سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋالىيالايدىكەن، ھەقىقەتەن قالتىسكەن! ئەسلىدە شۇنچە كۆپ يىللاردىن بېرى، بىز لۆڭگىنىڭ بۇ رولىلىرىنى بىلمەي كەپتۇق ئەمەسمۇ!!!
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز