قۇمتاغ كان رايونىنىڭ 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كان تۈرى

文摘   2024-11-27 18:22   新疆  
شىنجاڭ قۇمتاغ كان رايونىنىڭ 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كان تۈرى (تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلى)دە ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى



11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شىنجاڭ قۇمتاغ كان رايونىنىڭ 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كان تۈرى (تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلى)دە ئىش باشلاش مۇراسىمى پىچان ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، قۇمتاغ كان رايونىنى ئېچىشنىڭ ماھىيەتلىك باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى قەيسەر قېيۇم ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى چېن جاڭجيې، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى تاڭ خۇڭجيې پائالىيەتكە قاتناشتى.

ئىش باشلاش مۇراسىمى نەق مەيدانى.

قەيسەر قېيۇم مۇنداق كۆرسەتتى: قۇمتاغ كان رايونىنىڭ 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كان تۈرىدە ئىش باشلاش تۇرپان شەھىرىنىڭ كۆمۈر - كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۇرپان شەھىرى قۇمتاغ كان رايونى 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كان تۈرى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ كۆمۈر - كۆمۈر ئېلېكتىر - كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نادىر قۇرۇلۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن بەرپا قىلىپ، تۇرپان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىش باشلاش مۇراسىمى نەق مەيدانى.

ئىگىلىنىشىچە، قۇمتاغ 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كېنى ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان كان قۇدۇقى، شۇنداقلا خۇنەن - تۇرپان ئىككى جاي پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇرىدىغان نۇقتىلىق تۈر ئىكەن. بۇ تۈر دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە بارلىق چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملىنىپ، قۇرۇلۇش باشلاش شارائىتى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلانغان. 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كاننىڭ لايىھەدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 10 مىليون توننا، قۇرۇلۇش ئومۇمىي سېلىنمىسى 4 مىليارد 829 مىليون يۈەن، قۇرۇلۇش مۇددىتى 24 ئاي ئىكەن. تۈر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 900 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ھەر يىلى 600 مىليون يۈەنگە يېقىن باج تاپشۇرىدىكەن.
خۇنەن ئېنېرگىيە گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور ساۋ جيەنشۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ تۈرنى خۇنەن - شىنجاڭ ئىككى جاي ھەمكارلىقىدىكى ئۈلگىلىك تۈر ۋە شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشتىكى ئۈلگىلىك تۈر قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خۇنەن - شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كەلگۈسىدە گۇرۇھىمىز يەنە 80 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆمۈر - كۆمۈر ئېلېكتىر - كۆمۈر خىمىيە سانائىتىدىكى نۇقتىلىق تۈر توپىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
پىچان ناھىيەسىنىڭ كۆمۈر بايلىقى مول، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپىسى 42 مىليارد توننىغا يېتىدىغان بولۇپ، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان شىنجاڭدىكى «توققۇز چوڭ كۆمۈرلۈك»نىڭ بىرى. بۇ تۈردە ئىش باشلىنىشى خۇنەن - شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ ئېنېرگىيە كەسپىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككى جاينىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ساھەسىدىكى ماس تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەت ۋە سۇپا بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(پىچان ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاڭ كۇن خەۋىرى، فوتوسى)



تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章