11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خېڭياڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۆگاۋ تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى قەيسەر قېيۇم باشچىلىقىدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. خېڭياڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى جۇ جيەن قاتناشتى.
ليۇ يۆگاۋ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تەبرىكلىدى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خېڭياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ھەمدە خېڭياڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، كۆيۈنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم خېڭياڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: خېڭياڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئىلگىرىكىدەكلا بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىدۇ، كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش، ئىقتىساد - سودا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىش، مەدەنىيەت - ساياھەت ھەمكارلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەيدۇ. خېڭياڭ - تۇرپان ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قەيسەر قېيۇم تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن خېڭياڭنىڭ تۇرپاننى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەم تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم خېڭياڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، خېڭياڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجە، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەر تەرەپلىمە ئىگىلىدىم، خېڭياڭنىڭ قويۇق تارىخىي مەدەنىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، زامانىۋى سانائەتنىڭ شانلىق نۇرىنى چاقنىتىدىغان، مول كەسىپ ئەمەلىي كۈچىگە ئىگە، ئۆزگىچە مەدەنىيەت - ساياھەت سېھرىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان شەھەر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، خېڭياڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇللىرى تۇرپاننىڭ ئۆگىنىشى، ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. خېڭياڭنىڭ تۈرلۈك ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، باغچە رايونىنى ئورتاق قۇرۇش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور مەدەت بېرىپ، ئىككى جاينىڭ ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە شىگۇ بىلىم يۇرتى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور خېڭياڭ تىرانسفورموتور چەكلىك شىركىتى، خۇي يەنفېڭ، نەنخۇا داشۆسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.
تۇرپان شەھىرى رەھبەرلىرىدىن چېن جاڭجيې، ئۆمەرجان مەمەت، ما جېڭبىن، جوۋ لياڭ، ئامانگۈل ئادىل، خېڭياڭ شەھىرى رەھبەرلىرىدىن ليۇ جاڭيۈ، يۈ شىنفەن، خۇاڭ لى، خۇ گوشيۇڭ ئايرىم - ئايرىم تەكشۈرۈشكە ياكى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔