قەلبىنۇر: غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «جانلاندۇرىمەن»
قۇربان خەلق ئۆرپ - ئادەت مۇزېيى ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئۈزۈمچىلىك بازىرىغا جايلاشقان، ئېكسكۇرسىيە قىلىش، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال مۇزېي. مۇزېينىڭ بىر تەرەپتىكى تېمىغا ياغاچ چاق، سېۋەت، شازا، نەقىشلىك پەنجىر قاتارلىق كونا بۇيۇملار ئېسىلغان، كۆرگەزمە ئىشكاپىغا مىس چەينەك، ساپال كومزەك، پەنەر چىراغ قاتارلىق كونا تۇرمۇش بۇيۇملىرى تىزىلغان ئىدى. گىلەم توقۇش سېخىدا زاكاز قىلىنغان گىلەملەر توقۇلۇۋاتقان بولۇپ، كارىدوردىكى ۋاڭخۇڭ كۆۋرۈكتە ساياھەتچىلەر داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى.
قۇربان خەلق ئۆرپ - ئادەت مۇزېيىنىڭ 2 - نۆۋەتلىك باشلىقى بولغان قەلبىنۇر مۇنەۋۋەر چۈشەندۈرگۈچى بولۇپلا قالماي، يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم مۇزېينىڭ تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇزېيىدىكى ساقلانما بۇيۇملارنى «سىرتقا چىقىرىپ»، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «جانلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت.
قەلبىنۇرنىڭ ئاتا - بوۋىسى ئۈچ ئەۋلاد قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش بىلەن شۇغۇللانغان، ئاتىسى قۇربان مەتتوختى ھەرخىل گىلەم ۋە بىر قىسىم كونا بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرەتتى. 2015 - يىلى، قۇربان ئائىلىسىدە يىغىپ ساقلىغان گىلەم ۋە 100دىن ئارتۇق كونا بۇيۇمنى شۇ جايدىكى گىلەم زاۋۇتىنىڭ 500 كىۋادرات مېتىرلىق زالىدا كۆرگەزمە قىلدى. بۇنى ئاڭلاپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قەلبىنۇر بىلەن ئاتىسى بىر مۇزېي قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە كۆرگەزمە بۇيۇملار ئارقىلىق تۇرپاننىڭ خەلق ئۆرپ - ئادىتى ۋە تارىخىنى تونۇشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
2019 - يىلى، قەلبىنۇرنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسىمى بىلەن ئاتالغان قۇربان خەلق ئۆرپ - ئادەت مۇزېيى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى ۋە ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. قەلبىنۇر مۇنداق دېدى: ئاتامنىڭ مۇزېي قۇرۇشتىكى مەقسىتى، يىغىپ ساقلانغان كونا بۇيۇملارنى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش، ياشانغانلارنى بۇ يەردىن ئەسلىمىلىرىنى تېپىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ياشلارغا بۈگۈنكى تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.
قەلبىنۇر ئەتلەستىن تىكىلگەن ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمىنى دەزماللىماقتا.
ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە، قەلبىنۇر كونا بۇيۇملارنى يىغىشنى ياخشى كۆرۈپلا قالماي، يەنە گىلەم توقۇش، ئەتلەس توقۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر - سەنئىتىگە مەپتۇن بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەتلەس يىپەك يولىدىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان تىرىك تاشقاتما، ئۇنىڭغا مىللەتلەر مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى ئىچكى خاس مەزمۇن مۇجەسسەملەنگەن. ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ۋەزىپىمىز.
ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە باشتىن ئۆتكۈزۈش بىر گەۋدىلەشكەن گىلەم توقۇش سېخىدا، ئىشچىلار توقۇش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ گىلەم توقۇۋاتاتتى. ئۇلار خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان رەڭ، ئۆلچەم ۋە نەقىشتىكى گىلەملەرنى توقۇيتتى، ساياھەتچىلەر ئۆزى قول سېلىپ گىلەم توقۇشنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشقىمۇ بولاتتى. نەپىس، چىرايلىق قولدا توقۇلغان گىلەم ۋە رەڭدار ئەتلەسلەرنى كۆرگەن خۇبېيلىق ساياھەتچى جاڭ مېي خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ خەلق ئۆرپ - ئادەت مۇزېيى ياخشى ئېچىلىپتۇ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، خاسلىققا ۋە ئىجادىيلىققا ئىگە قىلىنىپتۇ. ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئارقىسىدىكى تارىخىي ھېكايىلەر بۇ قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئۆزگىچە ئىچكى خاس مەزمۇنغا ئىگە قىلىپتۇ.
ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش قەلبىنۇرنىڭ «تىجارەت يولى». قولدا توقۇلغان گىلەمنىڭ مويى تۆكۈلۈش، رېڭى ئۆڭۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قەلبىنۇر ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى بىر خىل يېڭى توقۇش، بوياش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ مەسىلىلەرنى %20تىن ئارتۇق ئازايتتى. سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئۇ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى مەخسۇس ئۆگىنىپ، شياۋخۇڭشۇ، دوۋيىن قاتارلىق ئالاقە سۇپىلىرىدا قولدا توقۇلغان گىلەم، ئەتلەس قاتارلىق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، تورداشلارنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، قۇربان خەلق ئۆرپ - ئادەت مۇزېيىنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭىيىپ، خەلق ئىچىدىن كەلگەن 50 نەچچە تۈردىكى 8000دىن ئارتۇق بۇيۇم ساقلانماقتا، مۇزېي يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىدىقۇت رايونلۇق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە تەربىيە - ئەمەلىيەت بازىسى، ئىدىقۇت رايونلۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى دېگەن ناملارغا ئېرىشتى. بۇ يىل 5 - ئايدىن بۇيان، بۇ مۇزېيغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغانلار 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 8000 ئادەم قېتىمغا يەتتى.
«بۇنىڭدىن كېيىن، تۇرپاننىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەيمەن. تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ تۇرپانغا كېلىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، مېۋە - چىۋىلەرنى تېتىپ بېقىشىنى، مۇزېيغا كېلىپ ھېكايىلىرىمنى ئاڭلاپ بېقىشىنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياساشنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ياخشى كۆرگەن بۇيۇملىرىنى ئېلىپ قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى قەلبىنۇر.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:买尔艳古力·热西提