بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى

文摘   2024-11-26 13:07   新疆  

ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرپان شەھىرىدىكى نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش - يۆلەش، يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ئېچىلدى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ خەنيىن) 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرپان شەھىرىدىكى نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش - يۆلەش، يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جاڭ يۈەن، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى چېن يەنلىڭ يىغىنغا قاتناشتى.


يىغىن نەق مەيدانى.


يىغىندىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى دۆلەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 53 مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن ياردەم بېرىش - يۆلەش، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، شەھىرىمىزدىكى كان، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، سانائەت - سودا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، خەتىرى بىر قەدەر زور بولغان 61 كارخانىغا قارىتا 10 كۈنلۈك ياردەم بېرىش - يۆلەش، يېتەكچىلىكنى قانات يايدۇردى. ياردەم بېرىش - يۆلەش، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1 - سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېغىر، زور يوشۇرۇن خەۋپلەرگە ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ، تۈزۈلمە مېخانىزم، تېخنىكا ھۈنەر - سەنئىتى، خادىملارنى باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ جەھەتتىن كارخانىلارغا «قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى شەكلى»دە ياردەم بېرىپ، يۆلەپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش، تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ياردەم بەردى ھەمدە تەپسىلىي تۈزىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.

قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىدا، ياردەم بېرىش - يۆلەش، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بايقالغان مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئوقتۇرۇش قىلدى ھەمدە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرگە تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق رەتلەپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش ۋاقىت چېكى، مەسئۇل رەھبەر، مەسئۇل ئادەمنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىشتىكى «بەشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.  نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خادىملىرىنى ئىقتىدار ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك. دىققەتنى ئومۇمىيلىققا ئىگە، بىخ ھالىتىدىكى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تۈگۈن، سەۋەبنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى دوكلات قىلىش بويىچە مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيەلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سىستېما - قۇرۇلمىسىنى سىستېمىلىق بەرپا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بىخەتەرلىكنى مۇستەقىل باشقۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى مۇستەقىل قانات يايدۇرۇش، كۈندىلىك يوشۇرۇن خەۋپنى ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزى تۈزىتىشتىن ئىبارەت «ئۈچ ئۆزگىرىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك.

چېن يەنلىڭ مۇنداق بىلدۈردى: تۇرپان شەھىرى تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى دەرھال تۈزىتىشكە تېگىشلىكلىرىنى دەرھال تۈزىتىدۇ، دەرھال تۈزەتكىلى بولمايدىغانلىرىغا بىرمۇبىر تۈزىتىش لايىھەسى تۈزۈپ، مەسئۇلىيەت، تەدبىر، مەبلەغ، ۋاقىت چېكى ۋە لايىھەدىن ئىبارەت «بەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ ھەم ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ؛ بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرىدۇ.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章