تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ زىئاڭ، ليۇ يۈجيې) 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، 18 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى» دېيىلدى) شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى، تۇرپان شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئون نەچچە كارخانا، 200 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئېلىپ قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى.
تۇرپان كۆرگەزمە سارىيىدا ئورۇنلانغان سەرخىل ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ فوتوسى
تۇرپان كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 108 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ لايىھە ئىلھامى تۇرپان خاسلىقىغا ئىگە چۈنچىدىن كەلگەن بولۇپ، تۇرپاننىڭ ئەن تۇپراق ئىمارەتلىرى، تەبىئىي مەنزىرىسى، ئادىمىيەت مەنزىرىسى ھەم مول خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن سىڭدۈرۈلگەن. كۆرگەزمە سارىيىنىڭ بىر پۈتۈن رەڭگى سارغۇچ قوڭۇر رەڭنى ئاساس قىلغان بولۇپ، «قىشتا ئوت يۇرتىنى ساياھەت قىلىش، ئىللىقلىقنى قەلبتە قالدۇرۇش»تىن ئىبارەت باش تېما جانلىق ئىزاھلاپ بېرىلگەن. كۆرگەزمە سارىيى ئىچىگە مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت تاۋارلىرى ھەم خاس مەھسۇلاتلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈچلۈك جەلپ قىلدى.
مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، قۇرۇق ئۈزۈم مەھسۇلاتلىرى، ئۈزۈم ھارىقى، قۇرۇق جۈجەم قاتارلىق تۇرپاننىڭ خاس ساياھەت مەھسۇلاتلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، تۇرپان تام رەسىملىرىنى ئېلېمېنت قىلغان توڭلاتقۇ چاپلىقى، «غەربكە ساياھەت»تىكى شەخسلەرنىڭ ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن سومكا، بېزەك بۇيۇم قاتارلىق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشىپ، ساياھەتچىلەرنى بەس - بەستە سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.
تۇرپان يىماۋ ھاراقچىلىق چەكلىك شىركىتى ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەكرەم ئەكبەر مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىم ئالتە خىل خاس ئۈزۈم ھارىقىنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردۇق، قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، تۇرپان ئۈزۈم ھارىقىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تۇرپاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم ھارىقىنى تېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇنىڭدىن باشقا، شەھىرىمىز ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە شەھىرىمىز يولغا قويغان تارىخىي مەدەنىيەت تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى، خاس خەلق ئۆرپ - ئادەت ساياھىتى، تەنھەرىكەت - ساغلاملىق - كۈتۈنۈش - ئىستىراھەت ساياھىتى قاتارلىق ئالتە قىشلىق مەدەنىيەت - ساياھەت سەرخىل لىنىيەسى ھەمدە «مىليون يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسىنى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئېلىش، تېز پويىزغا ھەقسىز ئولتۇرۇپ تۇرپاننى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار قىشلىق ساياھەتتىكى پايدىلىق سىياسەتلەرنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھىرىمىز «بىر قېتىم بېلەت سېتىۋالسا، ئۆمۈرلۈك ھەقسىز ساياھەت قىلىش» ئېتىبار سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدۇ ھەمدە A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا %50 ئېتىبار بېرىش ۋە كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى تۇرپاننىڭ قىش مەنزىرىسىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ.
ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى چېن مېڭچى تۇرپان كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: ساياھەت لىنىيەسى ۋە ھەقسىز ئىشىك بېلىتىدىن باشقا، مېنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى «غەربكە ساياھەت» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى بولدى. بۇ قېتىم تۇرپاننىڭ خاس مەدەنىيىتىنى يېقىن ئارىلىقتىن ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ۋە چۈشىنىپ، ئىنتايىن قالتىس ھېس قىلدىم.
كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا شىنجاڭ سوۋغىسى مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى، تۇرپاندىكى كارخانا ۋەكىلى (سولدىن 4 - كىشى) مۇكاپات ئالدى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ فوتوسى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔