11 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە، تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى قەيسەر قېيۇم پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ چېنجوۋ شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. چېنجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى كەن باۋيۇڭ تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.
تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى سەنيى ئېغىر سانائەت ـ ھاسىلىي ئېنېرگىيە جابدۇقچىلىقى (چېنجوۋ) چەكلىك شىركىتىدە شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش گېنېراتور ئىشلەپچىقىرىشىنى تەكشۈرمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋاڭ لىسەن فوتوسى
چېنجوۋدىكى مەزگىلدە، تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۇشيەن رايونى، چېنجوۋ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، بېيخۇ رايونى، رۇچېڭ ناھىيەسىگە بېرىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۈخوۋ كوچىسىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى، گې رۇيپۇ يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى، سەنيى ئېغىر سانائەت - ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى، گاۋيىلىڭ مەنزىرە رايونى، 711 شىگۇاڭ كىچىك بازىرى، چېنجوۋ قۇرۇقلۇق پورتى بازىسى، شاجوۋ كەنتى قاتارلىق جايلاردا مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، شەھەر قۇرۇلۇشى، لىتىيلىق ئېلېكتىر يېڭى ئېنېرگىيەسى، شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش، سانائەت مەدەنىيىتى، قۇرۇقلۇق پورتىنىڭ يۈرۈشۈشى، قىزىل مەدەنىيەت قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.
تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى چېنجوۋ قۇرۇقلۇق پورتى ئەشيا ئوبوروتى بازىسىدا قۇرۇقلۇق پورتىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋاڭ لىسەن فوتوسى
تەكشۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، قەيسەر قېيۇم تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن چېنجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان توقسۇن ناھىيەسىنى كەسىپ، مەبلەغ، خەلق تۇرمۇشى، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: چېنجوۋدىن ئىبارەت بۇ سېھرىي كۈچكە تولغان شەھەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېزلىكى كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدىكەن؛ مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن؛ ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەلالىقى كىشىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى كۆتۈرىدىكەن؛ پەن - تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلىنىشى كىشىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدىكەن. چېنجوۋنىڭ تۇرپاننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا چېنجوۋ خەلقىنى ئوت يۇرتى تۇرپانغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشقا، يېتەكچىلىك قىلىشقا، سەيلە - ساياھەت قىلىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمەن، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئىككى جاينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى سۇشيەن رايونى گاۋيىلىڭ مەنزىرە رايونىدا مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تەكشۈرمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋاڭ لىسەن فوتوسى
كەن باۋيۇڭ تۇرپان شەھىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش زور مەسئۇلىيەت، ئالىيجاناب ئىش، چېنجوۋ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىككى جاينىڭ چوڭقۇر رىشتىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، «چېنجوۋ - تۇرپان بىر ئائىلە كىشىلىرى»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتىدۇ. ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقى كەڭ بوشلۇققا، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، ئىككى جاينىڭ ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىپ، لىتىيلىق ئېلېكتىر يېڭى ئېنېرگىيەسى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى رۇچېڭ ناھىيەسىنىڭ شاجوۋ كەنتىدە يېرىم يوتقان ھېكايىسى يۈزبەرگەن جاينىڭ ئەسلىي ئورنىدا تەكشۈرۈشتە بولماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋاڭ لىسەن فوتوسى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔