ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشى يىغىنى ئېچىلدىسادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يېڭى دەۋر سىياسىي ـ قانۇن پولات قوشۇنىنى كۈچەپ تاۋلاپ چىقىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ ـ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
ما شىڭرۇي سۆز قىلدى
ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتىشىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشى يىغىنى 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتىنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يېڭى دەۋر سىياسىي ـ قانۇن پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا دائىر يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇملۇق خاراكتېرلىك، نېگىزلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ تىنچ ـ ئامانلىقىنى قوغدايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ساپ، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، قانۇننى قاتتىق، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى يۈرۈشتۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. كەسىپلىشىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي جەڭ قىلىش، ئەمەلىي قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەل جايىدا زەربە بېرىش ماھارىتىنى تاۋلاپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئاممىۋى خىزمەت، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش، پەن ـ تېخنىكىنى قوللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. سىياسىي ـ قانۇن كۈچلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ساقچى كۈچى بايلىقىنى مەلۇم قىلىنغان ئەھۋال كۆپ، ئەھۋال مۇرەككەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولغان ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ساقچىخانىلارنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم ـ مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي ـ قانۇن كادىر ـ ساقچىلىرىنىڭ پولاتتەك قائىدە، چەكلەش بۇيرۇقىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي ـ قانۇن ساھەسىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان مەخسۇس كۈچ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى ۋەزىيەت، ۋەزىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن ـ ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، چېگرا بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تورىنى مۇستەھكەملەپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. «زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەرنى تۈگىتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش» بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت ـ ماجىرالاردا بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، نۇقتىلىق ئورۇنلار ۋە ئادەم زىچ سورۇنلارنى چارلاپ ئالدىنى ئېلىش، چارلاپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، چېكىدىن ئاشقان دېلو ـ ۋەقە يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىكى تۈزۈلمە خاراكتېرلىك، مېخانىزم خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قوللاش كاپالىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي ـ قانۇن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، تەشكىلات قاتارلىق تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ساقچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ساقچىلارغا كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىپ، قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، تىپلارنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتىنى قوللايدىغان، سىياسىي ـ قانۇن كادىر ـ ساقچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە تەدبىرى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى ياخشى تۇتۇپ، سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىياسىي نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، يىل ئاخىرى، يىل بېشىدا شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.مەركىزىي كومىتېت سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتى سىياسىي ـ قانۇن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ بىڭراڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، كونسۇلتاتسىيە قىلدى.تيەن شياڭلى، چېن مىڭگو، ۋاڭ لىن ئايرىم ـ ئايرىم سۆز قىلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون سىياسىي ـ قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي ـ قانۇن سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ بەنزە ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن ـ مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.مەنبە: تىيانشان تورى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:买尔艳古力·热西提