ماۋ ۋېيمىڭ تۇرپان شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەتلەشتى

文摘   2024-11-25 19:34   新疆  
ماۋ ۋېيمىڭ تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەتلەشتى

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى سۈن مىنجيەن، ليۇ شاڭۋېن خەۋىرى، فوتوسى: 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ماۋ ۋېيمىڭ چاڭشادا تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى قەيسەر قېيۇم باشچىلىقىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى، سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خۇنەن ـ تۇرپاننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈش مەقسەت قىلىندى.
ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جاڭ يىڭچۇن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى چۈ خەي قاتناشتى.

سۆھبەت نەق مەيدانى.

ماۋ ۋېيمىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ خۇنەنگە تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم خۇنەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.
1998 -   يىلى تۇرپانغا نىشانلىق ياردەم بېرىش باشلانغاندىن بۇيان، خۇنەن باشتىن - ئاخىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىجىل تۈردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 10 تۈركۈمدە جەمئىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 1236 نەپەر كادىر، ئىختىساسلىقلارنى ئەۋەتتى، جەمئىي 4 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يىرىك پىلان مەبلىغى ئاجرىتىپ، 600دىن ئارتۇق تۈرنى يولغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە 1 مىليارد 880 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 163 تۈرنى يولغا قويۇپ، تۇرپاننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، مەدەنىيەت - ئېكولوگىيە ساياھىتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئېنېرگىيە قاتارلىق خاس كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى. ئىككى جايدىكى خەلقنىڭ دوستلۇقىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. بۇ يىل يازدا، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسى بېسىلغان 12 ئاپتوموبىل 3300 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسىنى يۆياڭ شەھىرىنىڭ تۇەنجوۋيۈەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزدى.
ماۋ ۋېيمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: خۇنەن تۇرپاننى گۈللەندۈرۈش، تۇرپاننى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۇرپاننى مۇقىم قىلىشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئارىلىشىش، يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە تېخىمۇ كۆپ نامايەندە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن خۇنەن كۈچىنى قوشىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ئېچىش، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىق رىشتىنى بىرلىكتە چىڭىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قەيسەر قېيۇم خۇنەننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تۇرپانغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، كۆپچىلىك شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خۇنەندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. خۇنەننىڭ ئىلگىرىكىدەكلا كەسىپ تەرەققىياتى، ئېنېرگىيە ئېچىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، خۇنەندىكى ئاكادېمىكلارنى تۇرپاندا خىزمەت پونكىتى قۇرۇش ياكى ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېتەكلەپ، تۇرپاننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۇرپان شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ كۆپ «خۇنەن - تۇرپان ئۆرنىكى» يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.



تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章