شياڭتەن داشۆسى بىلەن شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى كېلىشىم ئىمزالىدى

文摘   2024-11-26 18:36   新疆  
شياڭتەن داشۆسى بىلەن تۇرپان شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز مېھرىگۈل ئەخمەت، ئەنۋەر غوپۇر) 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، شياڭتەن داشۆسى بىلەن تۇرپان شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى تاڭ زوبىن كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى نەق مەيدانى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مېھرىگۈل ئەخمەت فوتوسى


كېلىشىمگە ئاساسەن، شياڭتەن داشۆسى بىلەن شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى قانۇنچىللىق نەزەرىيەسى تەتقىقاتى، قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، قانۇنچىللىقتا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ قانۇنچىللىق نەزەرىيەسى تەتقىقاتىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىي ئاساس ۋە نەزەرىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە، شياڭتەن داشۆسى قانۇنشۇناسلىق شۆيۈەنىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىغا تايىنىپ، شەھىرىمىزگە تېخىمۇ كۆپ كەسپىي ساپاغا ئىگە قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ؛ ئىككى تەرەپ يەنە قانۇنچىللىقتا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىنى قول تۇتۇشۇپ قانات يايدۇرۇپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يولى، يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

تاڭ زوبىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق ئارقىلىق تۇرپاننىڭ قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، تۇرپاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شياڭتەن داشۆسى قانۇنشۇناسلىق شۆيۈەنىنىڭ ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تۇرپاننىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىگىلىنىشىچە، شياڭتەن داشۆسى قانۇنشۇناسلىق شۆيۈەنى 1982 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى قانۇنشۇناسلىق بويىچە تولۇق كۇرس مائارىپىنى ئەڭ بالدۇر قانات يايدۇرغان، قانۇنشۇناسلىق ماگىستىرى ۋە قانۇنشۇناسلىق دوكتورىدىن ئىبارەت ئىلمىي ئۇنۋانلارنى بېرىش ھوقۇقىغا ئەڭ بالدۇر ئىگە بولغان قانۇن شۆيۈەنلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا خۇنەن ئۆلكىسىدىكى قانۇنشۇناسلىق پەن تۈرلىرى ئەڭ تولۇق، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، مائارىپ قاتلىمى ئەڭ تولۇق، مەكتەپ باشقۇرۇشتا خاسلىقى ئەڭ روشەن قانۇنشۇناسلىق شۆيۈەنلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章