«كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» سىياسىتى تەشۋىق قىلىندى

文摘   2024-11-27 13:03   新疆  
ئىدىقۇت رايونى «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» سىياسىتىنى بازارغا كىرگۈزدى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى مەدىنۇر تۇرسۇن، راھىلە مەخمۇت خەۋىرى، فوتوسى: 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئىدىقۇت رايونلۇق سودا ۋە سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى قاتارلىق ساھەدىكى ئون كارخانىنى يار بازىرىدىكى يار چوڭ بازىرىغا بېرىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش ھەم سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.

خىزمەتچى خادىم ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ياردەم پۇلى سىياسىتىنى چۈشەندۈرمەكتە.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، توڭلاتقۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، توك پار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماتۇڭ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇلۇپ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، خىزمەتچى خادىملار بىر تەرەپتىن سىياسەت تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ۋە ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، نۇرغۇن ئىستېمالچىنى بۇ يەرگە كېلىپ مەسلىھەت سوراش، تاللاپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى. شەھەر ئاھالىسى بۇخەلچەم ئىسمايىل مۇنداق دېدى: ئېتىبار بېرىش سالمىقى خېلى زور ئىكەن، ئىشىك ئالدىدىلا كۆڭلىمىزدىكىدەك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالالايدىكەنمىز، باھاسى مۇۋاپىق ھەم قولايلىق ئىكەن. 
تىجارەتچى ليۇ جىڭلىڭ مۇنداق دېدى: بىز كۆپچىلىكنى دەل ۋاقتىدا مال يەتكۈزۈش، كەسپىي قۇراشتۇرۇش، ئاسراش، رېمونت قىلىش قاتارلىق «بىر بېكەت شەكلى»دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

خىزمەتچى خادىملار شەھەر ئاھالىلىرىگە «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ياردەم پۇلى سىياسىتى تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتماقتا.

ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، كارخانا قاتنىشىش، ئامما مەنپەئەتلىنىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» پائالىيىتىنىڭ تەشۋىقات سالمىقى ۋە قاپلاش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئامما پائالىيەتكە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىنىپ، تىجارەتچىلەر ۋە ئىستېمالچىلارنى «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن ئورتاق نەپكە ئېرىشتۈردى. 
ئىدىقۇت رايونلۇق سودا ۋە سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى سودا بۆلۈمىنىڭ كادىرى چېن لىڭجىن مۇنداق دېدى: «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ياردەم پۇلى سىياسىتى پۇرسىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، كارخانا ۋە تىجارەتچىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، ئەمەلىي ئېتىبار ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز. 



تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章