نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

文摘   2024-11-27 18:22   新疆  
شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۇرپاننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى ئالدىن يۈرۈش رايونى قۇرۇلۇشىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز پېڭ دەننى) 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئاساسىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەش» باش تېما قىلىنغان مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۆلياڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندىن بۇرۇن، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن مەخسۇس تېمىلىق ئۈزۈندىلەر»، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى» قاتارلىق كىتابلار ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى. ئۆگىنىش يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار چىڭخۇا داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ شۇلىن سۆزلىگەن «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى» تېمىسىدىكى سىنلىق لېكسىيەنى كۆردى، ئۆمەرجان مەمەت، شۈ گودۇڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، باشقا ئەزالار يازما سۆز قىلدى.
ما شۆلياڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەر چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلگەن، بۇ، بىزنىڭ خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ئارقىلىق تۇرپاننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى ئالدىن يۈرۈش رايونى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز ۋە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
ما شۆلياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى قەلبى مۇجەسسەملەنگەن، مەنىۋى جەھەتتىن بىر - بىرىگە تايىنىدىغان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاش كېرەك. دىققەتنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان بىر تۈركۈم ئامىللارنى تەتقىق قىلىپ، تاۋلاپ چىقىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ كىشىلەرنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا تولۇق سىڭىپ كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى زامانىۋى مەدەنىيلىككە مەركەزلەشتۈرۈپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپىنى كېڭەيتىپ، يېزىلاردىكى كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش بويىچە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىلمىي - ئاقىلانە، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان، مەدەنىي - تەرەققىي قىلغان زامانىۋى ئىدىيەنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. دىققەتنى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇلنى چىڭىتىپ، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن «تۇرپان داڭلىق ماركىسى»دىكى نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. دىققەتنى روھنى ئۇرغۇتۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەنبە قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلىگەنلەرگە بېرىشكە تېگىشلىك شان - شەرەپ ۋە تەمىنات بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەڭ مۇكەممەل روھىي ھالەت بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەت بەرپا قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن رايونلىشىش ئالاھىدىلىكىنى چىڭ كۆزلەپ، ھېس قىلىش شەكلىدىكى ئېھتىياجنى ئىگىلەپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى سىجىل بېيىتىپ، ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.



تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章