خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ- تەۋسىيەلىرىنى توپلاش خىزمىتى

文摘   2024-11-25 19:34   新疆  
تۇرپان شەھىرىنىڭ مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىنى توپلاش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز مېھرىگۈل ئەخمەت، ئەنۋەر غۇپۇر) 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ 2025 - يىللىق مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىنى توپلاش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر مەمەت ساۋۇت يىغىنغا قاتناشتى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې يۈەنشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەھەرلىك 2 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى؛ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر خىزمىتى كومىتېتى تۇرپان شەھىرىنىڭ 2024 - يىللىق مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىنى سۇنۇش ۋە جاۋاب قايتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم تەربىيەلەش ئېلىپ باردى؛ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئابلىمىت ئابلىز شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىنى سۇنۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ۋەكىللەرنىڭ بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەۋەلىك رايونىدىكى خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق قەلبى، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىنىڭ قاراتمىلىقى، ئىلمىيلىكى، قانۇنلارغا ئۇيغۇن بولۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «ياخشى چارىسى»نى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ «ياخشى تەكلىپى»، «ياخشى تەۋسىيەسى»گە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىنى توپلاش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «قاتتىق، ئىنچىكە، چوڭقۇر، ئەمەلىي» خىزمەت ئىستىلى بىلەن تەكلىپ - تەۋسىيە ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى پەرقلەندۈرۈش، تاللاش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەكىللەرنىڭ سىياسەت ئۆتكىلى، قانۇن ئۆتكىلى ۋە سۈپەت ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشىگە، ھەممە ئىشتا خەلقنىڭ كۆڭلىگە يېقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.



تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章