قانۇنچىللىق مۇنبىرى تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى

文摘   2024-11-25 19:34   新疆  
«تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى» قانۇنچىللىق مۇنبىرى تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى



تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لى يەنچياڭ) 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شياڭتەن داشۆسى، شىنجاڭ داشۆسى ئۇيۇشتۇرغان «تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى __ تۇرپان شەھىرىنى تىپىك مىسال قىلىش» قانۇنچىللىق مۇنبىرى تۇرپان شەھىرىدە ئېچىلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قانۇنشۇناسلىق ساھەسىدىكى سەرخىللار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئوت يۇرتىغا جەم بولۇپ، تۇرپاننىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش داۋامىدىكى قانۇنچىللىق كاپالىتى مەسىلىسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى.

11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى __ تۇرپان شەھىرىنى تىپىك مىسال قىلىش» قانۇنچىللىق مۇنبىرى تۇرپان شەھىرىدە ئېچىلدى. سۈرەتتە: ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى

جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ سۇجۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەسلىھەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو قانۇنچىللىق جەمئىيىتى دېلو مىساللىرى قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خۇ يۈنتېڭ، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۆلياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
جاڭ سۇجۈن مۇنداق دېدى: تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۆتمۈشكە نەزەر سالغانلىق ۋە ئۆتمۈشنى قەدىرلىگەنلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، بىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ يېتەلەيمىز. تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق چىقىشىپ ئۆتكەنلىكى، ئۆزئارا ئۆگەنگەنلىكى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. بىز تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەربىر جۇڭگولۇققا تارىخنىڭ چاقىرىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، مىللەتنىڭ ئىشەنچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئالىملار يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ ئاساسىي مەقسەت مۇھاكىمىسى ئېلىپ بارماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى 

خۇ يۈنتېڭ مۇنداق دېدى: تۇرپان شەھىرى دۆلىتىمىزدىكى يەر ئاستى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە يەر ئۈستى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مول ھەم مەركەزلەشكەن جاي، بۇ قىممەتلىك بايلىقلارنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش، ياخشى پايدىلىنىش يەنە نۇرغۇن قىيىن مەسىلە ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، بولۇپمۇ قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مەبلەغ سېلىنمىسى، كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاممىنىڭ قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، ھەمكارلىشىپ قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ۋە قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە يەنە ئورتاق ئىزدىنىپ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ساقلانغان ۋە بوشلۇق مەۋجۇت. كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت بىلىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، تىرىشىپ تۇرپان شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتى ئۈچۈن قۇربىنىڭ يېتىشىچە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ما شۆلياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇرپانغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەندىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىدە قانۇنچىللىقنىڭ يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان مۇزېيلار، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يەرلىك نىزام چىقىرىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كارىزلارنى قوغداش نىزامىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى قاتارلىقلارنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ تاماملاپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بويىچە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنى دائىملىق ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللاشقان مەدەنىيەت - ساياھەت تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، تۇرپاننىڭ تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر، تۇرپان پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى ئالدىن يۈرۈش رايونى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقماقتا، قانۇنچىللىقنىڭ كۈچى ئارقىلىق تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى قوغداش، مەدەنىيەت كۈچى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش ئىنتايىن زۆرۈر. ھەرقايسى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ مۇنبەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلىپ، ئېسىل كۆز قاراشلىرىنى ھەمبەھرىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز، بىز بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ ئەقلىي نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى ياخشى ئايلاندۇرۇپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى قانۇنچىللىق يولىدا تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ئىلمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر مەمەت ساۋۇت، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر تەن لېي، شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سەۋلە يىمانقازى، شياڭتەن داشۆسى قانۇنشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شىچۇن قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى تاڭ زوبىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئالىملار «تۇرپان شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ ئاساسىي مەقسەت مۇھاكىمىسى ئېلىپ باردى.



تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章