بۇ كىشىنىڭ پارا ئالغان سوممىسى 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى

时事   2024-10-31 12:02   北京  

پارا ئالغان سوممىسى 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى! سۈن جىگاڭنىڭ بىرىنچى سوتتا ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىندى

10- ئاينىڭ 29-كۈنى، تيەنجىن شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى سۈن جىگاڭنىڭ پارىخورلۇق دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار سۈن جىگاڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەمدە شەخسىي مال-مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەردى، ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشۇپ قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتىلگەندىن كېيىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بويىچە بولىدۇ، جازا كېمەيتىشكە، شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ؛ تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قېلىنغان سۈن جىگاڭنىڭ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن مال-مۈلكى ۋە تۇغۇندىلىرى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، يەتمىگەن قىسمى داۋاملىق قايتۇرۇۋېلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز! قەتئىي قارشى تۇرىمىز

خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى

جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章