ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قەدىمكى ماگنىت مەيدانى ئۇچۇرى! چاڭئې-6 ئاي شارى ئەۋرىشكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىز ئالىملىرى چاڭئې-6 ئاي شارىدىن ئالغان ئەۋرىشكىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قەدىمكى ماگنىت مەيدانى ئۇچۇرىغا ئېرىشىپ، ئاي شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئۆزگىرىشىگە دائىر سانلىق مەلۇمات بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، ئاي شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىش، «ئاي شارى ماگنىت مەيدانى گېنېراتورى» ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.
بۇ نەتىجە بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت» تورىدا ئېلان قىلىندى.
بۇ يىل 6 ـ ئايدا، چاڭئې-6 تۇنجى قېتىم ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، 1935.3 گىرام قىممەتلىك ئەۋرىشكىنى ئېلىپ كەلدى، ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسى ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى جەنۇبىي قۇتۇپ ئېتكېن ئويمانلىقىدىكى ئاپولو سوقۇلۇش ئازگىلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاينىڭ ئارقا تەرىپىگە ئالاقىدار تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
جۇڭگو تەرەپ نەق مەيداندا رەددىيە بەردى
جۇڭگونىڭ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى
بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى
ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ
كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز
بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى
قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى
بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ