جياڭ پېڭجۈ ۋەتەنگە قايتۇرۇلدى!
يېقىندا، مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، بېيجىڭ شەھەرلىك رېۋىزىيە ئورگىنى، گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇماندارى جياڭ پېڭجۈ چېگرا سىرتىدا ئۆزىنى مەلۇم قىلدى ھەمدە ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىندى.
جياڭ پېڭجۈ، ئەر، 1978-يىل 1-ئايدا تۇغۇلغان، بېيجىڭ ئاشلىق گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك ئېغىر جىنايەتكە چېتىلغانلىقتىن، 2023-يىل 11-ئايدا چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 2024-يىل 4-ئايدا، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. دېلو بېجىرگۈچى ئورگان قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇپ، جياڭ پېڭجۈنىڭ چېگرا سىرتىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
مەركەز قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جياڭ پېڭجۈنى تۇتۇپ كېلىش «ئاسماندا تور ھەرىكىتى»نى سىجىل قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. بىز قاچقانلارنى جەزمەن قوغلاپ تۇتۇش، ئاخىرغىچە قوغلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن چىرىك ئۇنسۇرلارنى تۇتۇپ كېلىپ، قانۇن جازاسىغا تارتىپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايمىز.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
جۇڭگونىڭ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى
ئۇدا ئالتە كۈن دەم ئېلىشقا بولىدۇ! (ھەممە ئادەم ئەمەس)
ھەق ئېلىنمايدۇ، ئالدىنىپ قالماڭ
بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى
ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ
كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز
بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى
قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى
بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ