مەۋجۇد بولمىغان «جۇڭگو جاسۇسى»نى كۆپتۈرۈشكە قارشى تۇرىمىز

时事   2024-12-20 15:00   北京  

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: كورىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مەسىلىسىنى جۇڭگوغا چېتىلىدىغان ئامىللار بىلەن باغلىۋېلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆنىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان جۇڭگوغا چېتىلىدىغان سۆزلىرىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كورىيەنىڭ سۆزلىرىدىن ھەيران قالدى ۋە نارازى بولدى، كورىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مەسىلىسىنى جۇڭگوغا چېتىلىدىغان ئامىللار بىلەن باغلىۋېلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: كورىيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ بۈگۈن كورىيە پۇقرالىرىغا سۆز قىلغاندا، جۇڭگو پۇقرالىرى كورىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش دېلولىرى ئۈستىدە توختالدى، يەنە جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان قۇياش ئېنىرگىيەسى ئۈسكۈنىلىرى كورىيەنىڭ ئورمانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دېدى. بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانداق قارايدۇ؟

«جۇڭگو ئالاقىدار ئەھۋاللارغا دىققەت قىلدى، كورىيەنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىدىن ھەيران قالدى ۋە نارازى بولدى.» ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كورىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا باھا بەرمەيدۇ، ئەمما كورىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مەسىلىسىنى جۇڭگوغا چېتىلىدىغان ئامىللار بىلەن باغلىۋېلىشىغا، مەۋجۇد بولمىغان ئاتالمىش <جۇڭگو جاسۇسى>نى كۆپتۈرۈشىگە، نورمال ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا قارا چاپلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بۇ جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا پايدىسىز.»

ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل چەت ئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىدىن شۇ جاينىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. جۇڭگونىڭ دىققەت قىلىشىچە، كورىيە تەرەپ تىلغا ئالغان ئالاقىدار دېلولارنىڭ تېخى يەكۈنى چىقىرىلمىدى، جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىزچىل پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو كورىيەنى جۇڭگو پۇقرالىرىغا چېتىشلىق دېلولارنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا، دېلونى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى جۇڭگوغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ، ۋەقەگە چېتىشلىق جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

ماۋ نىڭ: «جۇڭگونىڭ يېشىل كەسىپلەر تەرەققىياتى دۇنياۋى بازار ئېھتىياجى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تولۇق رىقابەتلىشىشنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، دۇنياۋى مۇھىتنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى» دېدى.

 


       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ سۈرىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتى

◇ جۇڭگو پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدۇ

◇ ئاياللار ھاجەتخانىسىدىكى ئۇزۇن ئۆچرەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

◇ شىنجاڭلىقلارغا خۇش خەۋەر! توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

◇ شىنجاڭ پاختىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پاختىلارنىڭ بىرى

◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟

◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى

◇ ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك

◇ جۇڭگو — ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章