ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى
كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېسابات مەبلىغىنى ئۆلكە ھالقىپ ئۆزئارا قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ
مۇخبىرنىڭ يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى (تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئومۇمىي كىرىمى 3 تىرىليون 110 مىليارد يۈەن بولغان، جەمئىي 3 تىرىليون 860 مىليارد يۈەن قالدۇق قالدۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكى ئۈنۈملۈك تولۇق ساقلانغان. خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، 2025 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەت بويىچە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېسابات مەبلىغىنى ئۆلكە ھالقىپ ئۆزئارا قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ كې مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى يېڭى بىر يىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەردە بىرىنچى ئورۇنغا قويدى. ھەر دەرىجىلىك داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ كىرىم-چىقىم كۆلىمى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارغا ئاساسەن، بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆلىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىغا ئىجازەت بېرىش، چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى بېكىتىش» ئاپپاراتلىرىنى كېلىشىم بويىچە باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، شارائىت ھازىرلىمىغان تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنى بېكىتىلگەن نۇقتىدا باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ، بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆلىمىنى قارىغۇلارچە كېڭەيتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. فوند خامچوتىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كىرىمگە قاراپ چىقىمنى بېكىتىش، كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئازراق قالدۇق بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرتۇتاش غەملىنىدىغان ھەرقايسى رايونلارنىڭ فوند قىزىل رەقىمى خامچوتى ئىشلىشىگە ئېنىق قارشى تۇرۇش، شۇنداقلا ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى زىيادە كۆپ بولغان شۇ مەزگىلدىكى قالدۇقنى قوغلاشماسلىق كېرەك.
يېڭى بىر يىلدا، داۋالىنىش كاپالىتىدىكى مۇھىم، زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، فوند كىرىم-چىقىمىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان سىياسەتنى تەڭشەش تەرتىپى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، مۇۋاپىق بولمىغان چىقىم ۋە يېڭىدىن كۆپەيگەن چىقىم تۈرلىرى قاتتىق تىزگىنلىنىپ، سىياسەتنى تەڭشەشنىڭ فوندنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئۇدا ئالتە كۈن دەم ئېلىشقا بولىدۇ! (ھەممە ئادەم ئەمەس)
ھەق ئېلىنمايدۇ، ئالدىنىپ قالماڭ
بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى
ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ
كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز
بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى
قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى
بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ
61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى
كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟