ئاپتونوم رايوننىڭ كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى
12-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى يوليورۇقى، تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، تەجرىبىلەر خۇلاسىلىنىپ، ئالماشتۇرۇلۇپ، كەمتۈكلۈكلەر، يېتەرسىزلىكلەر تېپىپ چىقىلىپ، خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى تيەن شياڭلى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت تارىخىي نۇقتىدىن، كەنتنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى تولۇق تونۇپ ۋە دەل جايىدا ئىگىلەپ، كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەنتلەرنى تەكشۈرۈشتىكى پايدىلىق تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ساقلانغان كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا، خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ پىكىر يولى ۋە چارىسى، كونكرېت تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۇسۇل ۋە يولنى ئىگىلەپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
جۇڭگو تەرەپ نەق مەيداندا رەددىيە بەردى
جۇڭگونىڭ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى
بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى
ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ
كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز
بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى
قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى
بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ
61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى
كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟