تەڭشەلمەكچى! ئەڭ يۇقىرى سومما 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ!
شىنجاڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تور بېكىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى «ئۈرۈمچىنىڭ شەخسلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوند قەرزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلغان
پىكىردە مۇنداق دېيىلدى: تۇرالغۇ ئاممىۋى فوند تۈزۈمىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئامانەت قويغۇچىنىڭ مۇتلەق خاراكتېرلىك ۋە كۆپ خىللاشقان ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قوللاپ ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى شەخسلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوند قەرزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسىنى 800 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرىدۇ، قەرز سوممىسىنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قەرز ئالغۇچىلارنىڭ قەرز پۇل سوممىسىنى يۇقىرىقى ئاساستا يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ، تەڭشەشنىڭ ئىجرا مۇددىتى 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.
ئەگەر پىكىر-تەكلىپ بولسا 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن بۇرۇن بۇ مەركەزنىڭ پىكىر ئېلىش ئالاقىلەشكۈچىسى جېن خۇڭياڭغا قايتما ئىنكاس قىلساڭلار بولىدۇ، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 4678462-0991
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئۇدا ئالتە كۈن دەم ئېلىشقا بولىدۇ! (ھەممە ئادەم ئەمەس)
ھەق ئېلىنمايدۇ، ئالدىنىپ قالماڭ
بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى
ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ
كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز
بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى
قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى
بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ
61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى
كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟