مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش نوپۇس، بايلىق، مۇھىت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، شەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، رەئىسى خەن يۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوت ئېچىلدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى نەننىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش نوپۇس، بايلىق، مۇھىت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، شەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، رەئىسى خەن يۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى ئاشكارا سوت قىلدى.
نەننىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 1993-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، جاۋابكار خەن يۇڭ جىلىن ئۆلكىسى سۇڭيۈەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش تەپتىشى، جىلىن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش تەپتىشى، جىلىن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن شۇجىسى، شەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىق، شۇنداقلا ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە كارخانا تىجارىتى، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە بېرىش، كادىرلارنى تەيىنلەش قاتارلىق ئىشلاردا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، بىۋاستە ياكى باشقىلار ئارقىلىق، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 261 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل-مالنى قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان. تەپتىش ئورگىنى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن خەن يۇڭنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سۇندى.
سوتتا تەپتىش ئورگىنى ئالاقىدار ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، جاۋابكار خەن يۇڭنى ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى بىلەن يۈزلەشتۈردى، ئەيىبلىگۈچى-ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، خەن يۇڭ ئاخىرقى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سوتنىڭ ئاخىرىدا، سوتنىڭ توختىتىلىپ، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقى جاكارلاندى.
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىدىن 30 غا يېقىن كىشى سوتنى ياندىن ئاڭلىدى.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ سۈرىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتى
◇ جۇڭگو پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدۇ
◇ ئاياللار ھاجەتخانىسىدىكى ئۇزۇن ئۆچرەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
◇ شىنجاڭلىقلارغا خۇش خەۋەر! توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
◇ شىنجاڭ پاختىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پاختىلارنىڭ بىرى
◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟
◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى
◇ ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك
◇ جۇڭگو — ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟