ئوتتۇرىچە باھاسى 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا چۈشۈرۈلىدۇ

时事   2024-12-21 18:01   北京  

سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسىنىڭ يەككە يۈرۈشىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا چۈشۈرۈلىدۇ

12-ئاينىڭ 19-كۈنى، 5-تۈركۈمدىكى دۆلەت تەشكىللىگەن داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى قىممەتتىكى خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش بويىچە تيەنجىندە خېرىدار چاقىرىشتا خېرىدار چىقىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى تۈرى ۋە ئەتراپ قان تومۇر تىرىكى قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك مەھسۇلات كىرگۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مەركەزلىك سېتىۋېلىشتا سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى تۈرىدىكى خورىما ماتېرىياللارنىڭ يەككە يۈرۈشىنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 نەچچە مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا چۈشۈرۈلدى.

بۇ قېتىمقى مەركەزلىك سېتىۋېلىشتا سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى تۈرىدىكى خورىما ماتېرىياللارغا بولغان ئېھتىياج مىقدارى جەمئىي 11 مىڭ يۈرۈش بولۇپ، بەش كارخانا تاللانغان، ئەتراپ قان تومۇر تىرىكى تۈرىدىكى خورىما ماتېرىياللارغا بولغان ئېھتىياج جەمئىي 258 مىڭ دانە بولۇپ، 18 كارخانا تاللانغان.

سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى ئېغىر دەرىجىدىكى ئاۋاز سەزگۈچى نېرۋا خاراكتېرلىك گاسلىقنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش خورىما ماتېرىيالى، بولۇپمۇ تۇغما نېرۋا خاراكتېرلىك گاس بالىلارغا قارىتا، سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈلسە، گاسلىقتىن گاچىلىق كېلىپ چىقىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى مەركەزلىك سېتىۋېلىشتا سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى تۈرىدىكى خورىما ماتېرىياللارنىڭ يەككە يۈرۈش باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا چۈشۈرۈلدى. كىلىنىكىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلاردىن باشقا، بۇ قېتىمقى مەركەزلىك سېتىۋېلىشتا، يۇقىرى مەيدان كۈچلۈك ( 3.0 T ) يادرو ماگنىتىنى قوللايدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرگۈچى تەنچە تاللانغان، كىرگۈزگەن بىمارلار يۇقىرى مەيدان كۈچلۈك يادرو ماگنىتلىق رېزونانس تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

جۇڭگو تەرەپ نەق مەيداندا رەددىيە بەردى

ئېنىق بولدى! ھەقسىز ئەمەس

جۇڭگونىڭ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى

بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى

قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى

بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ

61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى

كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章