لاييېگەكتە ھايۋانات دورىلىرىنىڭ قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن

时事   2024-12-23 20:20   北京  

لاييېگەكتە ھايۋانات دورىلىرىنىڭ قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن! توققۇز كىشىگە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى

مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 22-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسى شياڭتەن شەھىرى يۆتاڭ رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، يۆتاڭ رايونلۇق بازىرنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىدە تەۋەلىك رايوندىكى بىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ئىككى تىجارەتچى ساتقان سۇ مەھسۇلاتلىرى (لاييېگەك)دا ھايۋانات دورىلىرى قالدۇقىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، يۆتاڭ رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئالاقىدارلار ساتقان لاييېگەكتە ئېننوشاشىڭنىڭ قالدۇق مىقدارى دۆلەت ئۆلچىمىدىكى كۆرسەتكۈچتىن 10 ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

شياڭتەن شەھىرى يۆتاڭ رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار تەپسىلىي تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئىككى دېلونى قانۇن بويىچە شياڭتەن شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى يۆتاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. جىنايى ئىشلار بويىچە جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق، شياڭتەن شەھەرلىك گۇڭئەن ئورگىنى دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، بۇ دېلونىڭ شياڭتەن، چاڭشا، گۇاڭجوۋنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا چېتىلىدىغانلىقىنى، دېلوغا چېتىشلىق جەمئىي توققۇز كىشىنىڭ بارلىقىنى، دېلوغا چېتىشلىق تىجارەت سوممىسىنىڭ 74 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى، دېلوغا چېتىشلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى (لاييېگەك)نىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 4500 توننىدىن ئاشىدىغانلىقىنى بايقىغان.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شياڭتەن شەھەرلىك گۇڭئەن ئورگىنى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىدىن 836 مىڭ يۈەن پۇلنى تۇتۇپ قالغان ھەمدە دېلوغا چېتىشلىق توققۇز كىشىگە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان. نۆۋەتتە، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە. يۆتاڭ رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم ساختا، ناچار يېمەكلىك، دورا مەھسۇلاتلىرى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق بازارغا كىردى، بازارنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە تۈرلۈك يېمەكلىك تىجارەت سورۇنلىرىنى نازارەت قىلىش-قوغداش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

جۇڭگو تەرەپ نەق مەيداندا رەددىيە بەردى

جۇڭگونىڭ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى

بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى

قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى

بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ

61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى

كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章