تۈزىتىش سوممىسى 4 مىليارد يۈەندىن ئاشتى!
بۇ يىل 6 ـ ئايدا ئېلان قىلىنغان ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى دوكلاتىدىكى، جەمئىيەت بىرقەدەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق تامىقى مەسىلىسىگە قارىتا، 12 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىقتىسادىي تەپتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024 ـ يىل 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى مەخسۇس مەبلىغىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش جەھەتتە تۈزىتىلگەن مەسىلىگە چېتىشلىق مەبلەغ 4 مىليارد 39 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 248 تۈرلۈك تۈزۈم مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، 1200 كىشى جازالانغان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىقتىسادىي تەپتىش بويىچە تۈزىتىش دوكلاتىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 2023 ـ يىللىق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئالاقىدار جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار جەمئىي تۈزەتكەن مەسىلە سوممىسى 538 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، 1300 تۈردىن ئارتۇق قائىدە ـ تۈزۈم تۈزۈلۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، 2800 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن. مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئومۇمىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا پايدىسىز بەزى تۈزۈلمە-مېخانىزم مەسىلىلىرى ھەل قىلىنغان.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
جۇڭگو تەرەپ نەق مەيداندا رەددىيە بەردى
جۇڭگونىڭ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى
بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى
ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ
كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز
بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى
قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى
بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ