ئامېرىكىدا 13ئادەم مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە قازا قىلغان

时事   2024-12-20 20:03   北京  

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: بۇ يىل ئامېرىكىدا 31 مىڭدىن ئارتۇق بالا مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى

ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكىدا جەمئىي 31 مىڭدىن ئارتۇق بالا مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

 خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر گېزىتنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئامېرىكىدا جەمئىي 13 ئادەم مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە قازا قىلغان، يەنە 50 ئادەمگە ئوق تېگىپ يارىلانغان، مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى 21 ئىشتات ۋە كولومبىيە ئالاھىدە رايونىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 1999-يىلى مەزكۇر گېزىت مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى ئىستاتىستىكا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكىدا مۇشۇنداق ۋەقەدىن جەمئىي 426 سى يۈزبېرىپ، جەمئىي 215 ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى ئۆلۈپ كەتكەن، يەنە تەخمىنەن 500 ئادەم ئوق تېگىپ يارىلانغان. بۇ مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەلىرىدە، سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىغان بارلىق قورال-ياراغلارنىڭ %86 ى دوستلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن كەلگەن. مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى بالىلار، ئەگەر بۇ بالىلار قورالغا ئېرىشەلمىسە، بۇ ئوققا تۇتۇش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس.

 خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى توغرىسىدا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسى يوق، «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» كۆپ يىللاردىن بۇيان مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى ئۆز ئالدىغا ئىستاتىستىكا قىلىپ كەلگەن.

 ئامېرىكا ۋىسكانسون ئىشتاتىنىڭ مەدىسون شەھىرىدە مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر ئوقۇغۇچى ۋە بىر ئوقۇتقۇچى ئۆلۈپ كەتكەن، ئالتە ئادەم يارىلانغان. ئاتقۇچى 15 ياشلىق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىز بولۇپ، نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ۋەقە ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىگە بولغان يۈكسەك دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم قوزغىدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

جۇڭگونىڭ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى

ئۇدا ئالتە كۈن دەم ئېلىشقا بولىدۇ! (ھەممە ئادەم ئەمەس)

ھەق ئېلىنمايدۇ، ئالدىنىپ قالماڭ

بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى

قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى

بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ

61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى

كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟




人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章