دىققەت! «بىر كېچىدە زور دەرىجىدە بېيىپ كېتىش»نى ئويلامسىز؟

时事   2024-12-19 09:01   北京  

دۆلەت تور ئۇچۇر ئىشخانىسى توردىكى پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى قالايمىقانچىلىقىنى مەركەزلىك تۈزەيدۇ

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 11-كۈنى دۆلەت تور ئۇچۇر ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت تور ئۇچۇر ئىشخانىسى توردىكى پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر قالايمىقانچىلىقىغا قارىتا يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، دوۋيىن، كۇەيشوۋ، ۋېيبو، ئۈندىدار قاتارلىق سۇپىلاردا قانۇنسىز پاي تونۇشتۇرۇش، قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە ۋاستىچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تۈركۈم ھېسابات نومۇرلىرىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئېقىم يېتەكلەش تۈرى ۋە قىزىقتۇرۇش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى تازىلاپ، پۇل مۇئامىلە ئالاقىدار كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سالاھىيىتى يوق تور بېكەتلەر ۋە ھېسابات نومۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتتى. قەرز بېرىشكە ياردەملىشىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تور بېكەت سۇپىلىرىغا قارىتا، ئۇلاردىن تىجارەت ئۇچۇرلىرىنى نامايان قىلىش ۋە سېتىش ئىقتىدارىنى تەسىس قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۇچۇر خەۋپ-خەتىرىنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

تور ئۇچۇر تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: نۆۋەتتە قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە پائالىيىتىدە شەكلى كۆپ خىللىشىش، يوشۇرۇنلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى، بەزىلىرى «زاكاز توپلاپ كوللېكتىپ سېتىۋېلىش»، «ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا»، «ئىستېمالدا پايدا قايتۇرۇش»، «توردا قوشۇمچە خىزمەت قىلىش»، «مەۋھۇم باقمىچىلىق»، «ئېلېكتىرونلۇق پۇل سودىسى» قاتارلىق ناملاردا توردا شاخلىتىپ سېتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى؛ بەزىلىرى «قەرزنى قايتا تەشكىللەش»، «قەرزنى سەرخىللاشتۇرۇش» نامىدا «دىرى ئىچىدىن ئۆسۈمنى تۇتۇپ قېلىپ» قەرز ئالغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇردى؛ بەزىلىرى «شەرتسىز»، «ئۆسۈمسىز»، «ھېساباتقا تېز كىرىدۇ» قاتارلىق سۆزلەر بىلەن قارىغۇلارچە قەرز ئېلىشقا قىزىقتۇردى. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدە كاپىتال بازىرى سودىسىنىڭ جانلىقلىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بەزى ھېسابات نومۇرلىرى «پاي چېكى ئويناش ماھارىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش»، «ئاتامانلار بازارغا قاراش»، «ئۇستىلار يېتەكچىلىك قىلىش» نامى بىلەن، بىۋاستە كۆرسىتىش، قىسقا سىن، سۈرەت-يېزىق قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قانۇنسىز پاي تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، يۇقىرى سوممىلىق خىراجەتنى ئالداپ ئېلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا مال مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلدى.

بۇنىڭغا قارىتا كەڭ تور ئەھلىنى توغرا مەبلەغ سېلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، خېيىم-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، «تېز پۇل تېپىش»، «بىر كېچىدە زور دەرىجىدە بېيىپ كېتىش»، «بارمىقىنى مىدىرلىتىپلا پۇل تېپىش»، «ئېشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى پاي چېكىنى جەزملەشتۈرۈش» قاتارلىق يۇقىرى پايدا ئېلىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا يېنىكلىك بىلەن ئىشىنىپ قالماي، ئالاقىدار تور بېكەتلىرى سۇپىسى ۋە ھېسابات نومۇرلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈپ، قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە پائالىيىتىگە قاتناشماي، شەخسىي مال-مۈلۈك زىيىنىدىن ئېھتىيات قىلىشقا  ئەسكەرتىمىز.



       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ كۈچتۈڭگۈر قىز دىلخۇمار ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى

◇ جۇڭگو پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدۇ

◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟

◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى

◇ ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك

◇ جۇڭگو — ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章