جۈمە كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ جۇڭگوغا بېرىش مودىغا ئايلاندى؟

时事   2024-12-21 15:01   北京  

جۈمە كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ جۇڭگوغا بېرىش مودىغا ئايلاندى؟ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى

17-چېسىلا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 سوئال: يېقىنقى مەزگىلدە، چەت ئەل ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا جۇڭگوغا ساياھەتكە كەلگەن سۈرەت ۋە سىنلار قىزغىن قارشى ئېلىندى. «China Travel»نى بەلگە قىلغان يەككە فىلىمنىڭ Youtube دا قويۇلۇش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 80 مىليون قېتىمدىن ئاشتى، TikTok تا ئومۇمىي قويۇلۇش مىقدارى 1 مىلياردقا يېقىنلاشتى. «جۈمە كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ جۇڭگوغا بارىمەن» دېگەن سۆز كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا يېڭى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

 جاۋاب: مەنمۇ توردىن نۇرغۇن «جۇڭگو ساياھىتى» سىنلىرىنى كۆردۈم، نۇرغۇن چەت ئەللىك دوستلار كامېرا ئارقىلىق جۇڭگونىڭ زامانىۋى شەھەرلىرىنىڭ ئاۋات مەنزىرىسى ۋە ئاددىي پۇقرالارنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان كۈندىلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھەم جۇڭگوغا نىسبەتەن قىزىقىشقا تولغان «يېڭى مېھمان»مۇ، ھەم جۇڭگونىڭ سېھرىي كۈچى جەلپ قىلغان «كونا مېھمان»مۇ بار.

يېقىنقى مەزگىلدە، جۇڭگو 26 دۆلەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشتا ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 38 دۆلەتكە يەككە تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى، 54 دۆلەتكە چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈشنى يولغا قويدى، 157 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنلا، جۇڭگو تەرەپ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك كەڭ قويۇۋېتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتكەن چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرا ئىچىدە تۇرۇش ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 72 سائەت ۋە 144 سائەتتىن بىردەك 240 سائەتكە، يەنى ئون كۈنگە ئۇزارتىدىغانلىقىنى، يېڭىدىن 21 پورتنى چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتىدىغان خادىملارنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش پورتى قىلىپ كۆپەيتىدىغانلىقىنى ھەمدە چەت ئەللىكلەرنىڭ رايون ھالقىپ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

 بىز چەت ئەللىك دوستلارنىڭ داۋاملىق جۇڭگوغا كېلىپ، «سەددىچىن سېپىلىگە چىقمىغانلار ئەزىمەت ھېسابلانمايدۇ» دېگەن تارىختىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى، «ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى سۇ يۈزى جىمىرلاپ گۈزەل تۈسكە كىرگەن» دېگەن مىسرالاردا تەسۋىرلەنگەن تەبىئىي گۈزەللىكنى، «سامانيولىدا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز، دېڭىزدىن ئۈزۈپ چىققانغا ئوخشايدۇ» دېگەندىكىدەك ئىلغار پەن ـ تېخنىكىنى، «كەچقۇرۇن قار ياغىدىغاندەك تۇرىدۇ، كېلىڭ بىرلىكتە بىر قەدەھتىن ئىچىشەيلى» دېگەندەك ئادىمىيەت ھېسسىياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئۇدا ئالتە كۈن دەم ئېلىشقا بولىدۇ! (ھەممە ئادەم ئەمەس)

ھەق ئېلىنمايدۇ، ئالدىنىپ قالماڭ

بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى

قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى

بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ

61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى

كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章