فىلىپپىن رېنئەي خادا تاش ھەربىي پاراخوتلىرىغا نەرسە توشۇدى

时事   2024-12-20 09:02   北京  

فىلىپپىن قانۇنسىز «ساھىلدا تۇرۇۋالغان» رېنئەي خادا تاش ھەربىي پاراخوتلىرىغا نەرسە توشۇدى، جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى فىلىپپىن پاراخوتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ جەزملەشتۈردى ھەمدە پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇردى

 12 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، جۇڭگو دېڭىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى فىلىپپىننىڭ قانۇنسىز «ساھىلدا تۇرۇۋالغان» رېنئەي خادا تاش ھەربىي پاراخوتىغا نەرسە توشۇشى توغرىسىدا پىكىر ئېلان قىلدى.

 جۇڭگو دېڭىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ دېجۈن مۇنداق بىلدۈردى: 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن، فىلىپپىن بىر پۇقراۋى پاراخوتىنى ئۆزىنىڭ قانۇنسىز «ساھىلدا تۇرۇۋالغان» رېنئەي خادا تاش ھەربىي پاراخوتىغا تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا ئەۋەتتى، جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى فىلىپپىن پاراخوتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇردى. فىلىپپىن تەرەپنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، دېڭىز ۋەزىيىتىنى ئورتاق ياخشى باشقۇرۇپ تىزگىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى رېنئەي خادا تېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەنشا تاقىم ئاراللىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھوقۇقنى قوغداش، قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل قانۇن بويىچە قانات يايدۇرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئۇدا ئالتە كۈن دەم ئېلىشقا بولىدۇ! (ھەممە ئادەم ئەمەس)

ھەق ئېلىنمايدۇ، ئالدىنىپ قالماڭ

بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى

قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى

بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ

61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى

كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟



人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章