جۇڭگو كانادانىڭ جۇڭگونىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنى قانۇنسىز جازالىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنداق دېدى: كانادا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق نامىدا جۇڭگوغا تۆھمەت قىلىپ قارا سۈركەپ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنى قانۇنسىز جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئالاقىدار قىلمىشلار خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر ئارىلاشقانلىق، بۇ قىلمىشلارنىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن ناچار، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.
باياناتچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇققا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا ماڭدى، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر ھەممەيلەنگە ئايان. ھازىر شىنجاڭ ۋە شىزاڭنىڭ ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇپ، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى قوغدالدى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. بۇلتۇردىن بۇيان، نەچچە مىڭ چەت ئەللىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، دىپلوماتىيە ئەلچىلىرى، دىنىي ساھەدىكى زاتلار، تاراتقۇ ئالىملىرى قاتارلىقلار شىنجاڭ ۋە شىزاڭغا زىيارەتكە كەلدى، ئۇلار شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ جايدىكى كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن زور تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۈزگە يېقىن دۆلەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇدا ئورتاق پىكىر بايان قىلىش، ئايرىم سۆز قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭ، شىزاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونىڭ ھەققانىي مەيدانىنى قوللاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قەلبىنىڭ يۈزلىنىشىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. يۇقارقى پاكىتلار ۋە ئادىللىق ئالدىدا، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»، «خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش» قاتارلىق جۇڭگوغا تۆھمەت قىلىپ قارا سۈركەيدىغان سۆزلەر ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولدى. بۇنىڭدىن باشقا «فالۈن گۇمپىسى» ئىنسانلارغا، جەمئىيەتكە، ئىلىم-پەنگە قارشى بىدئەت دىن تەشكىلاتى بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇرۇنلا ئۇنى قانۇن بويىچە مەنئى قىلدى.
باياناتچى مۇنداق دېدى: كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە «ئۇستاز» بولۇش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئۇنى بۇنى دېيىش سالاھىيىتى يوق. كانادانىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دۆۋىلىنىپ، ھازىرغىچە ئەسلىدىكى پۇقرالار يەنىلا سىستېمىلىق ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئۆي-ماكانسىز قالغانلارنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولمىدى، زەھەرنىڭ يامراپ كېتىشى، قارا تەنلىك مەمۇرلارنىڭ ئىرقى كەمسىتىشكە ئۇچرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇزۇن مۇددەت ھەل قىلىنمىدى. جۇڭگو كانادا تەرەپنى ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ھەقىقىي ياخشىلاشقا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىپ، جۇڭگو خادىملىرىغا قارىتىلغان قانۇنسىز يەككە تەرەپلىك جازانى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. جۇڭگو قەتئىي تەدبىر قوللىنىپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ كۈچتۈڭگۈر قىز دىلخۇمار ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى
◇ جۇڭگو پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدۇ
◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟
◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى
◇ ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك
◇ جۇڭگو — ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟