دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: كانادانى ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كانادا تەرەپنىڭ «كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلدى» دېگەننى باھانە قىلىپ جۇڭگو خادىملىرىنى جازالاشنى جاكارلىغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، كانادانى ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز، دېدى.
شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، كانادا دىپلوماتىيە مىنىستىرى جولىي بايانات ئېلان قىلىپ، «كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلدى» دېگەن سەۋەب بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: كانادا ھۆكۈمىتى پاكىتقا پەرۋا قىلماي، ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق نامى بىلەن جۇڭگوغا تۆھمەت قىلىپ قارا چاپلىدى ھەمدە جۇڭگو خادىملىرىنى قانۇنسىز جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.
«جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.» ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەرقانداق بىر تەرەپلىمە قاراش يوق ئادەم ئىنكار قىلالمايدىغان پاكىت.»
ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: كانادانىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ناچار خاتىرىسى كۆپ، مەسىلىلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن، ھازىرغىچە ئەسلىدىكى پۇقرالار يەنىلا سىستېمىلىق ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، كانادا پۇشايمان قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە باشقا دۆلەتلەرگە خالىغانچە تۆھمەت قىلىپ قارا چاپلاپ، ئاتالمىش جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئالاقىدار يالغانچىلىقلارنى تارقاتتى، بۇ تىپىك «ئوغرى ئوغرىنى تۇت دەپ توۋلاش» بولۇپ كىشىنى نومۇس قىلدۇرىدۇ. ئەمەلىيەت ئالدىدا، كانادانىڭ قوش ئۆلچىمى ۋە ساختا قىياپىتى پۈتۈنلەي ئاشكارىلاندى. كانادانىڭ «ئۇستاز» بولۇپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئۇنى-بۇنى دەيدىغان ھېچقانداق سالاھىيىتى يوق، «كىشىلىك ھوقۇق رېپىرى» بولۇۋېلىپ، قانۇنسىز قالايمىقان جازالايدىغان ھېچقانداق ھوقۇقى يوق.
ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كانادانى ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا، كىشىلىك ھوقۇق نامى بىلەن جۇڭگونىڭ مەنپەئەتى ۋە ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىشقا، قوپال سىياسىي ئويۇننى توختىتىشقا، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار خادىملىرىغا قارىتىلغان قانۇنسىز جازانى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىدۇ. جۇڭگو بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ كۈچتۈڭگۈر قىز دىلخۇمار ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى
◇ جۇڭگو پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدۇ
◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟
◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى
◇ ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك
◇ جۇڭگو — ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟