ئۈرۈمچى شەھىرى «قەھرىتان قىشتا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» مەخسۇس قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى «قەھرىتان قىشتا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» مەخسۇس قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا يولۇققانلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىشنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
مەخسۇس ھەرىكەت مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە قۇتقۇزۇش-باشقۇرۇش ئورگانلىرى گۇڭئەن، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى، سەھىيە، ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ جىددىي، قىيىن ئېھتىياجىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى، ئاممىۋى پاراۋانلىق خەيرىيەت تەشكىلاتلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەمدە مۇھىت تازىلىقى ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسى شوپۇرلىرى، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى، كېچىلىك ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى قاتارلىقلارنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنى بايقىغاندا دوكلات قىلىش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەيدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى جەمئىيەتكە 24 سائەتلىك ياردەم تەلەپ قىلىش مەخسۇس لىنىيەسى ئېلان قىلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا يولۇققانلارنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ سۈرىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتى
◇ جۇڭگو پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدۇ
◇ ئاياللار ھاجەتخانىسىدىكى ئۇزۇن ئۆچرەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
◇ شىنجاڭلىقلارغا خۇش خەۋەر! توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
◇ شىنجاڭ پاختىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پاختىلارنىڭ بىرى
◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟
◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى
◇ ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك
◇ جۇڭگو — ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟