ئېنىق بولدى! ھەقسىز ئەمەس!
2024 - يىلى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى
كۆپچىلىك كۈتكىلى ئۇزۇن بولغان يېڭى يىللىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ
2025 - يىلى يېڭى يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى (چارشەنبە) بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى تەڭشەلمەيدۇ
ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقماقچى بولغان شەھەرلىك دوستلار دىققەت قىلىڭلار
يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەقسىز بولمايدۇ
گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ چوڭ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يول ھەققى ئالماسلىقنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەستىقلاپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ( [ 2012 ] 37 - نومۇرلۇق) قا ئاساسەن، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقتى باھار بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۆت بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
جۇڭگونىڭ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى
ئۇدا ئالتە كۈن دەم ئېلىشقا بولىدۇ! (ھەممە ئادەم ئەمەس)
ھەق ئېلىنمايدۇ، ئالدىنىپ قالماڭ
بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى
ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ
كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز
بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى
قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى
بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ