ب د ت باياناتچىسى: ب د ت سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا قارشى تۇرىدۇ
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دىيارىك 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، ب د ت يەنىلا گولان ئېگىزلىكىنى ئىشغال قىلىنغان زېمىن دەپ قارايدۇ، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى تۇرىدۇ، دېدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ يېقىندا سۈرىيەنىڭ نەچچە يۈز ھەربىي نىشانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر توغرىسىدا، دىيارىك شۇ كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا ئېنىق قارشى تۇرىمىز.... بىز بۇ خىل ھۇجۇمغا قارشى تۇرىمىز» دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ب د ت يەنىلا گولان ئېگىزلىكىنى ئىشغال قىلىنغان زېمىن دەپ قارايدۇ، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ ئارىلىق رايوننى ئىشغال قىلىۋېلىشى ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېلىشىمىگە خىلاپ.
دىيارىك مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى مەزگىلدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى سۈرىيە دۇچ كېلىۋاتقان بۇرۇلۇش نۇقتىسى، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۈرىيە زېمىنىنى ئىگىلىۋالماسلىقى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: مەزكۇر رايون ۋە باشقا رايونلاردىكى بارلىق كىشىلەر مۇشۇ ۋاقىتتا سۈرىيە خەلقىنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يولىنى تاللىشىغا شارائىت يارىتىپ، سۈرىيەلىكلەر يېتەكچىلىك قىلىش، سۈرىيەلىكلەر ئىگىدارچىلىق قىلىش، ھەرقايسى تەرەپلەرگە كەڭ قورساق بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، «دۈشمەن كۈچلەر»نىڭ ئىسرائىلىيەگە يېقىنلىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ھازىرقى ئىسرائىلىيە-سۈرىيە ھەربىي ئارىلىق رايونىنىڭ سۈرىيە تەرىپىدە «مۇداپىئە رايونى» تەسىس قىلىۋاتىدۇ، «گولان ئېگىزلىكى ۋە ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى قوغداش» ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھازىر ھەربىي ئارىلىق رايونى ۋە ئىستراتېگىيەلىك رايونلاردىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاماملاۋاتىدۇ، دېدى.
گولان ئېگىزلىكى سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر تار بەلباغ. ئىسرائىلىيە 1967-يىلى 3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا گولان ئېگىزلىكىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە 1981-يىلى ئىشغال قىلىنغان بۇ زېمىننى رەسمىي يۇتۇۋالغان. خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ رايونغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. 1974-يىلى ئىسرائىلىيە سۈرىيە بىلەن ئىمزالىغان ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيە بىلەن سۈرىيە گولان ئېگىزلىكىنىڭ شەرقى تەرىپىدە ھەربىي ئارىلىق رايونى تەسىس قىلغان، ب د ت نىڭ ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش بويىچە كۈزەتكۈچى قىسىملىرى ئارىلىق رايونىدا ھەرىكەت قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن سۈرىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى داۋاملىق نازارەت قىلغان.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ كۈچتۈڭگۈر قىز دىلخۇمار ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى
◇ جۇڭگو پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدۇ
◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟
◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى
◇ ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك
◇ جۇڭگو — ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟