ئىئانە قىلىشنىڭ چىنلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

时事   2024-12-21 12:03   北京  

ئىككى تارماق خەيرىيەت نامىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا خېيىم - خەتەر ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى

گۇڭئەن مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئىدارىسى ۋە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خەيرىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى «خەيرىيەت نامىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ  ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى خەۋپ-خەتەر ئەسكەرتمىسى»نى ئېلان قىلدى.

 خېيىم-خەتەر ئەسكەرتمىسىدە «ئىئانە قىلسا نەق پۇلنى قايتۇرۇش»، «ئىئانە قىلسا پايدا قايتۇرۇش»، «يانداشما ئىئانە قىلىش»، «ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇش»، « ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مالىيە باشقۇرۇش» قاتارلىق ناملار بىلەن ئالدامچىلىق قىلغان كونكرېت دېلو مىساللىرى كۆرسىتىلدى.

ئىككى تارماق خەيرىيەتلىك ئىئانىنىڭ يادرولۇق ماھىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق ۋە پايدا ئالماسلىقتا، ئىئانە قىلىش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ جار سالغان، كۆپ مىقداردا ئىئانە قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ھەمدە ئالدىن ھەق تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىئانە توپلاش ئىشلىرىدا، ئامما ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، بىكارلىق پايدىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، دەپ ئەسكەرتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، جەمئىيەتتىكى ئامما مەلۇم تەشكىلاتقا ئىئانە قىلىشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك خەيرىيەت ـ ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سۇپىسى « خەيرىيەتلىك جۇڭگو»( cszg.mca.gov.cn )  ئارقىلىق بۇ تەشكىلاتنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قانۇن بويىچە تىزىملىغان خەيرىيەت تەشكىلاتى ياكى ئەمەسلىكىنى، ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. بەزى «پۇل ئىئانە قىلىش» ئۇلانمىلىرىغا يولۇققاندا، مۇناسىۋەتلىك بانكا ھېسابات نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەيرىيەت تەشكىلاتلىرى كۆپ سوممىلىق ئىئانە قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن، ئىئانە قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى، ئىئانە مەنبەسى ۋە مەبلىغىنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى ئېنىقلىشى كېرەك. ھۆكۈمەت تەرەپ يوللىرى ئارقىلىق ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مەبلەغ-ئىناۋەت ئەھۋالىنى دەلىللەپ، ئىئانە قىلىشنىڭ چىنلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

جۇڭگونىڭ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى

ئۇدا ئالتە كۈن دەم ئېلىشقا بولىدۇ! (ھەممە ئادەم ئەمەس)

ھەق ئېلىنمايدۇ، ئالدىنىپ قالماڭ

بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى

قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى

بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ

61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى

كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章