خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، ئىشلىتىش كاپالىتى كۈچەيتىلىدۇ

时事   2024-12-19 09:01   北京  

بەش تارماق ھۆججەت تارقىتىپ، ياسىمىچىلىقتا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتتى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق بېسىپ تارقاتقان «ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى پىكىر» 12-ئاينىڭ 11-كۈنى سىرتقا ئېلان قىلىندى، «پىكىردە» ياسىمىچىلىقتا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، ئىشلىتىش كاپالىتىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ياسىمىچىلىقتا ئادەم كۈچى بايلىقىنى كەسپىي تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى كارخانا گۇرۇھلىرى، كەسىپ زەنجىرىدىكى باشلامچى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ كارخانا ھالقىغان تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇش ياكى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت گۇرۇھى قۇرۇشىنى قوللاش لازىم؛ دىققەتنى ياسىمىچىلىقتىكى نۇقتىلىق رايونلار ۋە ئالاھىدە ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج مۇندەرىجىسىنى تۈرگە ئايرىپ تۈزۈپ، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش كېرەك؛ كۆپ خىل شەكىلدىكى سىياسەت تەشۋىقاتى، تەقلىدىي ئەمەلىي تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، كەسپىي سىناش، كەسپىي تەرەققىيات پىلانى قاتارلىق خىزمەتتىن بۇرۇنقى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

«پىكىر»دە يەنە ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىلغار ياسىمىچىلىقتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ياردەم بېرىش، ياسىمىچىلىقتىكى ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇشنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ياسىمىچىلىقتىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ياسىمىچىلىقتىكى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.


       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ كۈچتۈڭگۈر قىز دىلخۇمار ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى

◇ جۇڭگو پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدۇ

◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟

◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى

◇ ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك

◇ جۇڭگو — ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章