ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا خۇشامەت قىلغانلىقى تەنقىدلەندى

时事   2024-12-20 15:00   北京  

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كانادادىكى بەزى سىياسىي شەخسلەرنىڭ ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق نامى بىلەن ئامېرىكىغا خۇشامەت قىلغانلىقىنى تەنقىدلىدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنداق دېدى: كانادا ئاتالمىش جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى تارقاتتى ھەمدە جۇڭگو خادىملىرىنى قانۇنسىز جازالىدى، بۇ قىلمىشنىڭ خاراكتېرى ناچار، ئاقىۋىتى ئېغىر. جۇڭگو بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: تۈنۈگۈن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كانادانىڭ «كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلدى» دېگەننى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنى جازالىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى. بۇ ئىشقا باھا بېرەلەمسىز؟

ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بۇنىڭغا قارىتا كەسكىن مەيدانىنى چۈشەندۈردى. كانادادىكى بەزى سىياسىي شەخسلەر باشقىلارغا ئېيتقىلى بولمايدىغان مەقسەت ئۈچۈن، ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق نامى بىلەن سىياسىي مەشغۇلات قىلىپ، ئامېرىكىغا خۇشامەت قىلىپ، قوپال ئويۇن قويدى، ئويۇنى ناھايىتى ياسالما بولدى، بۇ بىر مەيدان پۈتۈنلەي سىياسىي بىمەنىلىك، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى ئېنىق كۆردى.

«شۇنى كۆرسىتىش كېرەككى، كانادانىڭ ئاتالمىش جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى تارقىتىشى ھەمدە جۇڭگو خادىملىرىنى قانۇنسىز جازالىشىنىڭ خاراكتېرى ناچار، ئاقىۋىتى ئېغىر.» ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كاناداغا كەسكىن ئارىلىشىش ۋە قاتتىق ئەيىبلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى، كانادانى خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىشكە دەۋەت قىلدى. جۇڭگو بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.»



       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ سۈرىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتى

◇ جۇڭگو پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدۇ

◇ ئاياللار ھاجەتخانىسىدىكى ئۇزۇن ئۆچرەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

◇ شىنجاڭلىقلارغا خۇش خەۋەر! توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

◇ شىنجاڭ پاختىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پاختىلارنىڭ بىرى

◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟

◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى

◇ ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك

◇ جۇڭگو — ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章