جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى بىرلا ۋاقىتتا سۆز قىلدى!
12-ئاينىڭ 19-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە مەبلەغ سېلىش ۋە سودا جەھەتتە جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈۋېتىپتۇ. بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟
لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ھەر ئىككىسى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە چوڭ دۆلىتى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىدە يىلتىز تارتقان، شۇنداقلا كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ماھىيەتتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدۇ. بىز يەنە ئەنگلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
سودا مىنىستىرلىقى: ئەنگلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايمىز
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۈگۈنكى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بەزى تاراتقۇلارنىڭ «ئەنگلىيە مەبلەغ سېلىش ۋە سودا جەھەتتە جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈۋېتىپتۇ» دېگەن سوئالىغا قارىتا، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خې يۇڭچيەن مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ئەنگلىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئەنگلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ 21-ئەسىرگە يۈزلەنگەن دۇنياۋى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
جۇڭگو تەرەپ نەق مەيداندا رەددىيە بەردى
جۇڭگونىڭ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى
بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى
ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ
كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز
بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى
قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى
بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ