ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق «قەرز»لىرىنى تولۇقلىشى كېرەك

时事   2024-12-18 18:06   北京  

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق «قەرز»لىرىنى تولۇقلىشى كېرەك

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلدى» دېگەننى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىككى يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىسىنى «ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈشىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئاتالمىش جازالاش ‐‐ كىشىلىك ھوقۇق نامى بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىش بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە جۇڭگو خەلقىنى تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئاشكارىلىدى. بۇنداق ھىيلە-مىكىرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس.

ماۋ نىڭ: «ئەگەر ئامېرىكا ھەقىقەتەن كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلسە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، قوراللاشتۇرۇش، ھەممىلا يەردە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئەمەس، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق <قەرز>لىرىنى تولۇقلىشى كېرەك» دېدى.



       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ كۈچتۈڭگۈر قىز دىلخۇمار ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى

◇ جۇڭگو پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدۇ

◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟

◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى

◇ ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك

◇ جۇڭگو — ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章