ئۇلار تېررورلۇق، ئەسەبىيلىكنىڭ ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى ئىگىلىدى

时事   2024-12-18 21:01   北京  

پاكىستان كۆپ پارتىيەلەر بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى: شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونىڭ ھەققانىي مەيدانىنى قەتئىي قوللايمىز

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سوغۇق ھاۋا شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمايدۇ. پاكىستان كۆپ پارتىيەلەر بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئۆمىكى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە شىنجاڭغا كېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتىگە زىيارەتكە بېرىپ، بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەت ۋە دىن سىياسىتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەجرىبە-ئۇسۇللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

پاكىستان خەلق-مىللەت پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاخبارات كاتىپى ئىخسان ئۇلا مۇنداق دېدى: «سۆھبەت ئارقىلىق مول ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولدۇق، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتى مېنىڭچە دۇنيادىكى ناھايىتى ياخشى مىسال ئىكەن، بولۇپمۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش جەھەتتە، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلار كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ.»

شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر كۆپلىگەن سۈرەت، سىن ۋە ئەمەلىي بۇيۇملار كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق تېررورلۇق، ئەسەبىيلىكنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى ئىگىلىدى؛ ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پىلان سارىيىغا بېرىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىنى چوڭقۇر چۆكۈپ ھېس قىلىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئاستىدىكى شىنجاڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

بىرلىككە كەلتۈرۈش مىللىي ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ سابىق مىللىي پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەد ھاشىمى بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. تۇنجى قېتىم ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن كاراچى دوستانە شەھەر بولغاندا كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭدا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت توپلانغانلىقىنى، كۆپ خىل مىللەت ۋە دىننىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى، بۇ قېتىم كېلىپ شەھەرنىڭ گۈللەنگەنلىكى، ئىقتىسادنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ: «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى تېخىمۇ ئۇلۇغ نەتىجە» دېدى.

«دادام جۇڭگوغا كەلگەن، ئاناممۇ شىنجاڭغا كەلگەن، بىزنىڭ رىشتىمىز ئاتا-ئانىمىزدىن كەلگەن، چوڭقۇر مەنبەگە ئىگە.» پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى (داھىيلار گۇرۇھى) تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تېبى بۇخارى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق بىللە ياشاۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئۆگىنەلىگەنلىكىنى ھەمدە زىچ ئالاقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قېتىم پاكىستان ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سەئىد شاھنىڭ 12-قېتىم جۇڭگوغا كېلىشى بولسىمۇ، بىراق تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىشى. ئۇ: «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى پۇت بىلەن مېڭىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالدىم. بۇ قېتىمقى زىيارەت تېپىلغۇسىز ئۆگىنىش سەپىرى بولدى، مەن تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىمەن» دېدى.

 






       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ سۈرىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتى

◇ جۇڭگو پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدۇ

◇ ئاياللار ھاجەتخانىسىدىكى ئۇزۇن ئۆچرەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

◇ شىنجاڭلىقلارغا خۇش خەۋەر! توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

◇ شىنجاڭ پاختىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پاختىلارنىڭ بىرى

◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟

◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى

◇ ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك

◇ جۇڭگو — ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章