ئامېرىكا «جۇڭگو ھەربىي كۈچى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 12-ئاينىڭ 19-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا بىر مۇخبىر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا جۇڭگو ھەربىي كۈچى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغانلىقىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سوئال سورىدى. لىن جيەن جاۋابەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ دوكلاتى ئىلگىرىكى مۇشۇ خىلدىكى دوكلاتقا ئوخشاش بولۇپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، بىر تەرەپلىمە قاراشقا تولغان، «جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى»نى تارقىتىشى پەقەت ئۆزىنىڭ ھەربىي زومىگەرلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا باھانە ئىزدەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. جۇڭگو قەتئىي ھالدا دۇنيانىڭ تىنچلىق كۈچى، مۇقىملىق كۈچى، ئىلغار كۈچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايمىز.
لىن جيەن مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكا تەرەپنى سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى ۋە زومىگەرلىك لوگىكىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا ئوبيېكتىپ، ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بۇ خىل مەسئۇلىيەتسىز دوكلاتلارنى يىلمۇيىل ئېلان قىلىشنى توختىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا دەۋەت قىلىمىز.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
جۇڭگو تەرەپ نەق مەيداندا رەددىيە بەردى
جۇڭگونىڭ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى
بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى
ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ
كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز
بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى
قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى
بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ