جۇڭگونىڭ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى

时事   2024-12-18 15:01   北京  

جۇڭگونىڭ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك كەڭ قويۇۋېتىلدى، ئەلالاشتۇرۇلدى

دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۈگۈندىن باشلاپ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلىپ، ئەلالاشتۇرۇلۇپ، چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتكەن چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرا ئىچىدە تۇرۇش ۋاقتى ئەسلىدىكى 72 سائەت ۋە 144 سائەتتىن بىردەك 240 سائەت (10 كۈن) كە ئۇزارتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە 21 پورت يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتىدىغان خادىملار چېگرادىن كىرىدىغان-چىقىدىغان پورت بولىدۇ ھەمدە توختاپ پائالىيەت قىلىش رايونى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدۇ.

شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان رۇسىيە، بىرازىلىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق 54 دۆلەتنىڭ خادىملىرىدىن جۇڭگو چېگراسىدىن ئۆتۈپ 3-دۆلەت (رايون) كە بارىدىغانلىرى 24 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دىكى 60 سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورت ئىچىدىكى خالىغان بىر پورتتىن جۇڭگوغا ۋىزىسىز كىرسە بولىدۇ ھەم بەلگىلەنگەن رايوندا تۇرۇپ پائالىيەت قىلىش ۋاقتى 240 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 72/144 سائەتلىك ۋىزىسىز چېگرادىن ئۆتۈش سىياسىتىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى سىياسەتنىڭ تەڭشىلىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، رايون ھالقىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، يەنى ۋىزىسىز چېگرادىن ئۆتكەن چەت ئەللىكلەر 24 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دىكى توختاپ پائالىيەت قىلىش رايونىدا ئۆلكە ھالقىپ ساياھەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2024-يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى پورتلاردا چېگرادىن كىرگەن چەت ئەللىكلەر 29 مىليون 218 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن86.2 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە ۋىزىسىز چېگرادىن كىرگەنلەر 17 مىليون 446 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 123.3 ئاشقان.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يەنە ئېچىۋېتىلدى

گۆش تۈرىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىلدى

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى

قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى

بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ

61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى

كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟

ئۈندىداردىن پۇل چىقىرىشتا رەسمىيەت ھەققى كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟




人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章